ئىلھام ئېلىش سەپىرى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەپىرى مول ھوسۇلغا ئېرىشىش سەپىرى

日期:2022年05月15日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىغا نەزەر

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

جۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، چيەنتاڭجياڭ دەرياسى بويىدا سىم - سىم يامغۇر يېغىپ، زېمىنغا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان ھەم جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىش، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوبۇل قىلىندى.

5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تەشكىللەنگەن بىر قېتىملىق يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش پائالىيىتى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

ئالتە كۈندە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شېنجېن شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنى زىيارەت قىلدى، سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭەشتى؛ تېڭشۈن، خۇاۋېي، ۋېيپىنخۇي، جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتىسى، زىگۇاڭ خېڭيۆ قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار، پۇل مۇئامىلە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى... ئۇلار يول بويى ئالدىراش بولدى، سەپىرى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«ئۈلگىلەر دەل جايىدا تاللىنىپتۇ، تۈرلەر ياخشى تاللىنىپتۇ، تەجرىبىلەر ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن» «نۇرغۇن ئىلھام ئالدۇق» «سەپىرىمىز نەتىجىلىك بولدى»... بۇ قېتىمقى سەپەر يۈزەكى ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلنى توختىتىپ ھەقىقىي تەجرىبە ئۆگىنىش بولدى؛ يۈزەكى كۆرۈش ئەمەس، بەلكى كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئېلىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تەپسىلىي ئۆزلەشتۈرۈش بولدى. بۇ، بىر قېتىملىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىدىغان ئۆگىنىش سەپىرى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق روھنى ئۇرغۇتىدىغان پىكىر يۈرگۈزۈش سەپىرى بولدى.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىلغارلارغا توغرىلىنىدىغان ئىلھام ئېلىش سەپىرى

ئىلغارلارنى ئۈلگە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولى ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش پائالىيىتىدە گۇاڭدۇڭ، جېجياڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنى بېكىتىش چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكە بولۇپ، 2021 - يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، GDPسى ئۇدا 33 يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادىكى %90تىن ئارتۇق دۆلەتتىن ئېشىپ كەتتى.

جېجياڭ ئۆلكىسى قارىماققا قۇرۇقلۇق كۆلىمى «كىچىك ئۆلكە» بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقداردا «زور سالماق»نى ئىگىلەيدۇ، 2021 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

ئىسلاھات ساداسىنى ئالدىن ياڭرىتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش يولىنى ئالدىن ئاچتى. ئىككى ئۆلكە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۇرغۇن ئىلغار ئۇسۇل ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ياراتتى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى، ئۇلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شېنجېن، ليەنخۇاشەن باغچىسى.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپىتى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قەدەمنى چوڭراق ئېلىش كېرەك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى سۈكۈتكە چۆمگەن ھالدا پەلەمپەيدىن چىقىپ، جىمجىت ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئىدىيەدىكى بۆسۈش ئارقىلىق ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا «ئىدىيەدە ئازاد بولۇش» يەنىلا نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.

«نۇرغۇن ئىشنى بىز قىلالامدۇق - قىلالمامدۇق؟ دېگەنلەرنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقىنىمىزدا، باشقىلار ئاللىقاچان قىلىشنى باشلىدى ياكى قىلىپ بولدى. بۇ ئالدى بىلەن ئىقتىدار مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىدىيەدىكى چۈشەكنىڭ تېخى بۇزۇپ تاشلانمىغانلىقىدۇر» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات جالال.

«يېڭى ۋەزىيەتتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر، زور. ئىدىيەدە چوڭ ئازاد بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش شىنجاڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن تەخىرسىز ئىش» دېدى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى قەيسەر قېيۇم چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «يۆشىليې» سۇپىسى قۇردى، «يۆكاڭما»نىڭ كۈندىلىك كودنى ئىشلىتىش چوققا قىممىتى 266 مىليون قېتىمغا يەتتى، «يۆشېڭشى»دا ھەقىقىي نام بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغان ئابۇنىچى 170 مىليونغا يېقىنلاشتى، «يۆشاڭتۇڭ»دا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 11 مىليوندىن ئاشتى؛ ئەۋزەل سېلىنما مۇھىتى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يېڭى قۇرۇلغان %85 كارخانا ئىشىكتىن چىقمايلا كىنىشكا ئالالايدىغان بولدى، 2021 - يىلى پۈتۈن يىلدا ساپ كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتى 652 مىڭغا، يېڭىدىن كۆپەيگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 110غا، يەككە تۈر بويىچە چېمپىيون كارخانا 35كە يەتتى؛ ياخشى بولغان ئىختىساسلىقلار مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو - سىنگاپور گۇاڭجوۋ بىلىم شەھەرچىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە «قاتراتماسلىق» مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن ئىختىساسلىقلارغا تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ %30ى بويىچە ياردەم پۇل بەردى...

دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، دادىللىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭغاندا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش مەنزىلى كېڭىيىدۇ.

پەرقنى توغرا تېپىپ، تېز يېتىشىۋالىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەپىرى

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 23، خاڭجوۋ، ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جاي.

يېرىم كېچە بولغان بولسىمۇ، بىر مەيدان قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان «بەس - مۇنازىرە» ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتاتتى، بۇ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئۆتكۈزگەن «سۆھبەت يىغىنى» ئىدى.

«تەرەققىي تاپقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان غايەت زور پەرقنى كۆرۈپ، بىز ئولتۇرالماي قالدۇق، ئەمدى كۈتۈپ تۇرساق بولمايدۇ!» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دىلشات سايىم.

گۇاڭدۇڭ، جېجياڭدا تۇرۇپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىندى. كۆرۈش بۇلۇڭى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئويلىنىش تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى.

سېلىشتۇرۇش جەريانىدا پەرقلەر تېپىپ چىقىلدى، بىزدىكى پەرق زادى قەيەردە؟ يەنە قانداق قىلساق تىرىشىپ يېتىشىۋالالايمىز؟

«شىنجاڭ − يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىز سىياسەتتىن تولۇق، جانلىق پايدىلىنىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ دادىلراق بولۇشىمىز كېرەك».

«گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 40 نەچچە يىل ئىلگىرى تېخى چېگرا بويىدىكى ئارقىدا قالغان يېزا ئىگىلىك ئۆلكىسى ئىدى، دېڭىز بويىدا بولۇش، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېتىشىۋېلىش، ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئالدىن پىلانلاپ، تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەرنى ھەر تەرەپلىمە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇنى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك».

«مەيلى تېڭشۈن، خۇاۋېي ياكى زىگۇاڭخېڭيۆ، جىجياڭ تەجرىبىخانىسى بولسۇن، ھەممىسى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىكەن − جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك، قانچىكى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا شۇنچە ئېھتىياجلىق».

«رەقەملىك ئىقتىساد چوڭ دولقۇنى يېتىپ كەلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 2020 - يىللىق رەقەملىك ئىقتىساد قوشۇلما قىممەت كۆلىمى تەخمىنەن 5 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن بولدى، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئومۇمىي مىقدارى يەنىلا بىرقەدەر كىچىك بولۇپ، بىز <رەقەم ئارقىلىق ئاساسنى كۈچەيتىش> قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان ئەۋلاد يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك».

«ئىككى ئۆلكىدىكى كادىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى پىششىق بىلىدىغانلىقى، تەرەققىيات پىكىر يولى ئۈستىدە توختالغاندا ناھايىتى داۋلىلىق سۆزلەيدىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلدۇق. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ كادىرلىرىمىزدا ئىقتىسادنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى تۇتۇش جەھەتتە يەنىلا ئىقتىدار يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق».

...

پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، ئاندىن ھەرىكەتلىنىپ، تىرىشىپ يېتىشىۋېلىش كېرەك. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ئىقتىسادىي ئاساسنى، شەھەر كۆلىمىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىدىيەنى يېڭىلاش، دادىل ئىسلاھ قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جەڭگىۋارلىقى ھەربىر جاي ئۈچۈن زۆرۈر. پەقەت پەيتنى قولدىن بەرمەي، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باشقىلاردىن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن كەلگۈسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەشتىكى مول ھوسۇل ئېلىش سەپىرى

شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭ، جېجياڭنىڭ رىشتى ئەزەلدىن چوڭقۇر بولۇپ، دوستلۇقى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلدى. 2021 - يىلى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 3 مىليارد 438 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 144نى يولغا قويدى. كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە «دەل جايىدا بولۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە «تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشتە «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرگە ياردەم بېرىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتا «يۇغۇرۇلۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ خاسلىقى نامايان قىلىنغان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىپ، چىن ھېسسىياتى ۋە سەمىمىي قەلبىنى سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇردى. بۇلتۇر، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە «8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ <X + 1> <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دە شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 - شىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

ھەربىر جايغا بارغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

«بىر تەرەپتىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئالىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر سەمىمىيلىك بىلەن.

«شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەشنى خالايمىز»، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ ئىككى ئۆلكە قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خۇاخاۋ مەدەنىيەت پەن - تېخنىكا (گۇاڭجوۋ) چەكلىك شىركىتى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لۇ شياۋخۇڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرگە شىركەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىغا ئائىت نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا، لۇ شياۋخۇڭ «يىپەك يولى . گۇاڭدۇڭ سودا سۇپىسى − شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ياخشى جايغا كېلىش» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭغا كەلگەنىدى. شىركەت ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مۇددىئانامە ھاسىل قىلغانىدى. «ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە كېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىز نۇرغۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنى رەقەملەشتۈرۈش سودىسى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىمىز» دېدى لۇ شياۋخۇڭ.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھەربىر تەكشۈرۈش نۇقتىسى، ھەربىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلاندى، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇردى، ھەمكارلىق ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭەشتى. سۆھبەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، نازارەت، ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرى تاقەتسىزلىك بىلەن «ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىش»قا باشلىدى.

«بىز شېنجېن جېڭۋېي (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مىسنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتتۇق» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئېرشات تۇرسۇنباي.

«بىز گۇاڭجوۋ ۋېنيۈەن جىشىڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ قىلىپ، ئادەمسىز ھەيدەش تېخنىكىسىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ نازىرى ئىلھام ئوسمان.

خۇاۋېي ئۈرۈمچىدە رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك ھۆكۈمەت، رەقەملىك جەمئىيەت قاتارلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىشنى پىلانلىدى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى 7 - تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ بىلەن ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى، ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما كەسىپلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى، جېجياڭ ئۆلكىسى ئېنېرگىيە گۇرۇھى، شېنجېن تېخنىكا داشۆسى يېقىندا شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشنى پىلانلىدى...

دەرسخانا گۇاڭدۇڭ - جېجياڭدا، ئىمتىھان مەيدانى شىنجاڭدا. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كونىسىنى قالدۇرۇپ، يېڭىسىنى تۇرغۇزۇشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش قەدىمىنى بېسىش كېرەك. مۇشۇ پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مەۋج ئۇرغىنى پەيتنى قولدىن بەرمەي، پالاقنى كۈچلۈك ئۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش دولقۇنىدۇر.