ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 161 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2022年05月15日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 161 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىلەن بىخەتەر تەمىنلەش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسەت خاراكتېرلىك سېتىۋېلىش ۋە بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق زاپىسىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىقنى سېتىۋېلىش، ساقلاش، تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، يېشىل ساقلاش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «رەقەملىك ئاشلىق» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەۋقەنى ئاشلىق، ياغ بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىك، قىسقا مۇددەت بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش بىخەتەر، مۇقىم، پايدىلىنىش پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېچىش يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولغان كۆمۈر تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا، ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىرقى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېمەكلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرىنى كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېخىمۇ پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.