ئاپتونوم رايونىمىز 41 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

日期:2022年05月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا مەدەت بېرىش، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 14 تارماق بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپىدىكى قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، 41 تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى قىيىنچىلىقى بار كەسىپلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ تەدبىرلەر ئىچىدە ھەم ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يۆلەش تەدبىرلىرى بار، ھەم يېمەك ـ ئىچمەك كەسپى، پارچە سېتىش كەسپى، ساياھەتچىلىك، سۇ يولى، تاشيول، تۆمۈريول تىرانسپورت كەسپى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كەسىپلەرگە قارىتىلغان يۆلەش سىياسەتلىرىمۇ بار.

مۇلازىمەت كەسپىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە يۆلەش تەدبىرلىرىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى مالىيە ـ باج سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش سىياسىتى، ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش ـ كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى سىياسىتى قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېمەك ـ ئىچمەك كەسپىگە قارىتا، «بىرقانچە سىياسەت ـ تەدبىر»دە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ھەمدە ۋەيمەي قاتارلىق ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرىنى يېمەك ـ ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مۇلازىمەت ھەققى ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئالاقىدار يېمەك ـ ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارچە سېتىش كەسپىدە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ناھىيە رايونى سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرگە ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ساياھەتچىلىكتە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالەت پۇلىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇش بويىچە يۆلەش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، نۇقتىلىق ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تۈر مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياج ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تاشيول، سۇ يولى، تۆمۈريول تىرانسپورت كەسپىدە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەردىن 2022 ـ يىللىق تۆمۈريول تىرانسپورت كارخانىلىرى ئالدىن تاپشۇرىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى بىر يىل ۋاقتىنچە توختىتىش، 2022 ـ يىللىق يولۇچىلار كېچىك كېمىسى، ئاممىۋى قاتناش يولۇچى تىرانسپورتى، مېترو، شەھەر يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريولى، تاكسى، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ـ تىرانسپورت مۇلازىمىتى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلار بار؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىدە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەر ئاساسلىقى 2022 ـ يىللىق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كارخانىلىرى ئالدىن تاپشۇرىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى بىر يىل ۋاقتىنچە توختىتىش، شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا داۋاملىق تىجارەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىيات فوندىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.