باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، 100 يىلدىن بۇيان كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك ياشلىق باھارى مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى چوڭقۇر ئىزاھلاندى، زامانىمىزدىكى ياشلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈلدى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياش بىر ئەۋلادلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، توغرا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىزباسارلار بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۇلۇغۋار پىلانغا قويۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، كەڭ ياشلارغا رىشتە باغلاش، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ياشلار ئاممىسى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايىسى ئۇلۇغۋار، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، جاسارىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇرچ - ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يالقۇنلۇق ئەمەلىيىتىگە ئاڭلىق ئاتلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ياشلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىنى قىزغىن ئىشلىگۈچى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى؛ تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ياشلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشلار ئويلىغاننى ئويلاپ، ياشلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ياشلارنى ئەمەلىي ياردەم بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى بويىچە خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

يىغىندا، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش قارار قىلىندى.