شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سىنلىق تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى سىنلىق تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇسۇلمان ئامما ۋەكىللىرى سىنلىق شەكىل ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما روزا ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزگەن، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى، 60تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بۇنى بىۋاسىتە تارقاتتى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 50 نەچچە تاراتقۇ توردا ۋە تور سىرتىدا يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل سۆز قىلغاندا، شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ياخشىلاش، دىن ساھەسىدىكى زاتلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دىن ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، ئۆزبېك قاتارلىق 56 مىللەت باراۋەر، ئىتتىپاق بولۇپ، ئورتاق ئىلگىرىلىدى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، داۋجياۋ دىنى قاتارلىق دىنلار ئىناق بىللە ئۆتتى، ساغلام تەرەققىي قىلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان، ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ ئۆتتى، ھەر مىللەت ئامما جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقى، دىنلار رايىشلىقى ئېلىپ كەلگەن بەخت ۋە ئىناقلىقتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا.

2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلار تىنچ، ئىناق كەيپىيات ئىچىدە رامزان ئېيىنى ئۆتكۈزدى. 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى روزا ھېيت كۈنى ھەر مىللەت ئامما قوي - كالا سويۇپ گۆش پىشۇرۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شادلىققا تولغان بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

سىنلىق ئۇلىنىشتا، ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ مەسچىتتە ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيت نامىزى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقنى، دوستلۇقنى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى نامايان قىلىشىمىزدىكى بىر خىل شەكىل».

«ھېيتگاھ مەيدانىدا بىرلىكتە ساما ئويناپ، كۆپچىلىك ئۆزئارا بەخت تىلەپ، بايرام خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.» قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىپى مەمەت جۈمە مۇنداق دېدى: دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ، كىشىلەر مەسچىت ھەم ئۆيىدە ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئىسلام دىنى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

«شۆيۈەنىمىزنىڭ ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن تولۇق.» شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز پەخىرلەنگەن ھالدا شۆيۈەننىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى سىستېمىلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا ساغلام، تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسىدىكى دېھقان مەھمۇت نۇرمەمەت بايرام مەزگىلىدە ھېيت نامىزى ئوقۇغان، بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان چاغدىكى بەختلىك تۇرمۇشىنى ھەمبەھرىلىدى؛ غۇلجا شەھىرىدىكى تىجارەتچى ئىليار ئېزىز ۋە سانجى شەھىرىدىكى خۇيزۇ دېھقان ما يەنچىڭ رامزان ئېيى مەزگىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ھەمدە كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئارقا - ئارقىدىن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي چاقتى، دىن ساھەسىدىكى زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى دېگەندەك بوھتانلارنى چاپلىدى، بۇ يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەر ئەمەلىيەتكە تامامەن ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ قېتىمقى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ، ئىناق بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋالنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇشىنى، گۈللىنىۋاتقان مەنزىرىگە گۇۋاھ بولۇشىنى، گۈزەل تۇرمۇشنى ھېس قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

يىغىندا يەنە «ئىسلام دىنى شىنجاڭدا» ناملىق سىن قويۇلۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭدا ساغلام، تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار نامايان قىلىندى.