ئاۋات بازارلارنىڭ ئارقىسىدىكى گۈللىنىش شىفىرى

日期:2022年05月10日
来源:天山网
【字体:

− جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - كەنت ئىقتىسادىغا نەزەر (2)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ دۇڭلەي، مېھرىگۈل ناسىر

بازار قەرەللىك بازارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قەدىمىي ھەم ئومۇملۇققا ئىگە بازار ھالىتى. مىڭلىغان بازارلار بوستانلىقلارغا تارقىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى كۆپ قىسىم ئىستېمال ئېھتىياجى ئۈچۈن يىغىلىش - تارقىلىش سورۇنىغا ئايلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملانغان ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىلىۋاتقان پەيتتە، بازار ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى ئەمەلىيەتتە شۇ جاينىڭ يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بارومېتىرىدۇر.

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار ئەزەلدىن سىرتتا قالمايدۇ

5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزا بازىرى ئېچىلدى. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئىنتايىن ئاددىي بازار بولۇپ، كۆلىمى مۇۋاپىق ئىدى، بازار مەسئۇلى ئابدۇسەمەت خالىق ئەتىگەندىلا بازارنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، تىجارەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. ئۆزىنىڭ مېۋە - چېۋە توپ سېتىش تىجارىتىدىن باشقا، ئۇنىڭ بىر يىلدىكى كۆپ قىسىم كىرىمى ھەر چارشەنبە بازار كۈنىدىكى يايما ئورنىنىڭ ئىجارىسى ۋە قوي - كالىلارنى بازارغا كىرگۈزۈش ھەققىدىن كېلىدۇ.

ناھايىتى تېزلا بازاردا كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. موزدۇز ئابلىز سەمەت مېيىپ پۇتىنى ئوبدان جايلاشتۇرۇۋېلىپ، خۇرۇم پەرتۇقنى تارتىپ، بىر كۈنلۈك تىجارىتىنى باشلىدى. ئاياغ يامىسا بەش يۈەن، ئاياغ مايلىسا ئۈچ يۈەن بولۇپ، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە بىر كۈندە نەچچە ئون يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەتتە - سەككىز موزدۇزنىڭ ھەممىسى ياشانغانلار. «مەن باشقا بازارلارغا بارالمايمەن، بۇ بازارغا ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىمەن، بىر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن كىرىم قىلالايمەن، مېنىڭ يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلۇم بار.» ئابلىز كۈلۈمسىرىگەچ خېرىدارنىڭ ئايىغىنى مايلاشقا باشلىدى، ئۇنىڭ چېھرىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زور كۆپ قىسىم يېزا - بازارلاردا بازار بار، مۇقىم تىجارەتچىلىرى ئاز دېگەندە 120دىن ئاشىدۇ، ۋاقىتلىق تىجارەتچىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ. بازار سىغدۇرۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئىقتىساد شەكلى. بىرەر كىشى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا ياكى سالامەتلىكى يار بەرمەي ئىشلىيەلمىسە، دېھقانچىلىق قىلالمىسا، بازاردا بەش يۈەندىن ئون يۈەنگىچە ۋاقىتلىق يايما ھەققى تاپشۇرۇپ، ئۇسسۇلۇق سېتىپ، ئاياغ ياماپ، بىر كۈندە نەچچە ئون يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. بۇ يەر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلارنى ئەزەلدىن سىرتتا قالدۇرمىدى.

«جاھاننىڭ ئۇ چېتى»دىكى تاۋارلارنىمۇ بۇ بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا ھەر يىلى يۈز مىليونلىغان يان تېلېفون چاپلىقى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا بىر قىسمى ئىشقۇل يېزىسىدىكى 22 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشماقتا. باھارگۈل مەمەت بىر ھەپتىنىڭ ئالتە كۈنىدە ئوخشاش بولمىغان يېزا - بازارلاردىكى بازارغا بارىدۇ. ئۇ يول بويىغا كىچىك ئۈستەلنى قويۇپ، خېرىدار چاقىرىدىغان توكلۇق كاناينى ئېچىپ قويىدۇ.

باھارگۈل ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يان تېلېفون چاپلىقىنى چاپلاش ھۈنىرىنى ئۆگەندى، قەشقەر شەھىرىدىن مال كىرگۈزۈپ، چاپلاق، يان تېلېفون قېپىنى بەش يۈەندىن ساتتى، چاپلاق چاپلىغانغا يەنە بەش يۈەن ئالدى. ئۇ ھەر كۈنى 50 تال چاپلاق چاپلايدۇ، پايدىسىنى قوشقاندا 300 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. «مەن بۇ ئىشنى ئەمدىلا باشلىدىم، ھەربىر بازاردا ۋاقىتلىق يايما ھەققى تاپشۇرىمەن، بەزى جايلاردا بىر كۈندە ئون يۈەن، بەزى جايلاردا 20 يۈەن تاپشۇرىمەن. مەن يېتەرلىك پۇل تاپقاندىن كېيىن، تورت دۇكىنى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن.» بازار ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە نىسبەتەن قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئوچۇق، بوسۇغىسى تۆۋەن بولغان ئىقتىسادىي ھالەت يۇقىرى تېخنىكا ماھارىتى كەمچىل بولغان سانسىزلىغان ئاددىي كىشىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

«بازاردا 1000دىن ئارتۇق يايما ئورنى بار، ھەربىر يايما ئورنى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.» 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى باۋدى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇكېرىم ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «بازار ئونسۇ ناھىيە بازىرى بىلەن توخۇلا يېزىسى تۇتاشقان جايدا، ھەر شەنبىدىكى بازار كۈنىدە ئادەم ئېقىمى 20 مىڭغا يېتىدۇ، نەرسە - كېرەكلەر ئەرزان، شۇڭا تىجارەتچىلەر ۋە ئاھالىلەر ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم.» ئۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 50تىن ئارتۇق تىجارەتچىنىڭ يايما ئورنى ھەققىنى ئىزچىل كەچۈرۈم قىلىپ كەلدى.

يېزىلارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجىنى ئۆزىگە يۈكلىدى

جەنۇبىي شىنجاڭدا، پىشىپ يېتىلگەن بازار ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ خىل بولىدۇ: مەركىزىي شەھەردىكى چوڭ بازارلار، قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان مەركىزىي بازارلار، ئادەتتىكى يېزا - كەنتلەردىكى بازارلار.

قەشقەر شەھىرىدىكى «شەرقىي بازار»نىڭ رەسمىي نامى «قەشقەر ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرى» بولۇپ، بۇ يەردە مۇقىم تىجارەتچىدىن 2851ى بار، دۇكانلارغا ئەتراپتىكى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلىرى سېلىنغان. «نۆۋەتتە بازار يېڭى ئورۇنغا كۆچۈرۈلدى، ئادەتتىكى يىللاردا بازارنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 800 مىليون يۈەندىن 1 مىليارد يۈەنگىچە بولىدۇ» دېدى بازار مەسئۇلى يۆ شاۋكاڭ.

گىرەلەشمە جايلاردىكى مەخسۇسلاشقان بازارلارمۇ گۈللەپ روناق تاپتى. مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ قوي - كالا بازىرى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ئۈچ جاينىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تىرىك چارۋا سودا بازىرىنىڭ بىرى. «ئاۋات پەسىلدە بازار كۈنىدىكى مەبلەغ سودا مىقدارى تەخمىنەن 60 مىليون يۈەن، كاسات پەسىلدىمۇ 20 مىليون يۈەندىن 30 مىليون يۈەنگىچە بولىدۇ.» بازار مەسئۇلى لى يۈفېڭ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بازارنى قىستاڭ بولغان سېرىقبۇيا بازىرى مەركىزىدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزغا ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ، پۇقرالارغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، بازارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى».

تېخىمۇ كۆپ بازار بىر يېزىنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق، تۆت ئەتراپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىشقۇل يېزا بازىرىدا، يېمەك - ئىچمەك رايونى، كىيىم - كېچەك رايونى، كۆكتات رايونى، تىرىك چارۋا رايونى قاتارلىق تۈرلەر ئېنىق ئايرىلغان، ھەربىر مۇقىم تىجارەتچىگە ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرى سەپلەپ بېرىلگەن. «ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ، بىز تۈر مەبلىغى ئارقىلىق بازارنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، ئاندىن خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدۇق» دېدى ئىشقۇل يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لۈ پېڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ تۈر مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتە بۇ يەرلەرگە توپلىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى، ئۇنىڭغا تىجارەتچىلەر ۋە دېھقانلارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى يۈكلەندى.

ھەممە ئادەم بازاردىن ئۆزىگە لايىق ئىستېمال رايونىنى تاپالايدۇ. يېزا - بازاردىكى بازارلار ھەپتىدە بىر كۈن ئېچىلىدۇ، قالغان ۋاقىتتا، بازار باشقۇرغۇچى تەرەپ تازىلىق مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى بازارنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلايدۇ. بازار بىلەن شەھەر سودا سارايلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى: بازار كۈنىدىكى ئىستېمال شىددەت بىلەن ئاشىدۇ.

«ئاياللار پۇلنى كۆپ خەجلەيدۇ، نەرسە - كېرەكلەرنى ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ سېتىۋالىدۇ.» ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: «ئەرلەرنىڭ بازاردا ئاز پۇل خەجلىگەنلىرى كاۋاپ يەپلا بولدى قىلىدۇ، كۆپرەك پۇل خەجلىگەنلىرى قوي - كالا بازىرىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، نەچچە ئونمىڭ يۈەننى خەجلىۋېتىدۇ».

بازاردا، تىجارەتچىلەر ئاز پايدا ئېلىپ كۆپ ساتىدۇ، قوي، كالا قاتارلىقلاردىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئەرزان. ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان جەنۇبىي شىنجاڭدا، بازار يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئاچقۇچلۇق سۇپىغا ئايلاندى. نۇرغۇن تىجارەتچى ئەسلىدە دېھقان بولۇپ، ئۇلار «تىجارەتچى» بىلەن «ئىستېمالچى» ئارىسىدىكى رولنى ئۇستىلىق بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئالىدۇ.

ئەكبەر سەلەي قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى ئامانلا كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، 2.7 مو تېرىلغۇ يېرىگە بۇغداي تېرىيدۇ ۋە كۆكتات ئۆستۈرىدۇ. ھەر يىلى 3 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، ئۇ ھەپتىدە تۆت كۈن بازاردا ئۆزى يېتىشتۈرگەن نەشپۈت، گىلاس كۆچەتلىرىنى، ئەتىرگۈل قاتارلىقلارنى، يەنە بىر قىسىم كۆكتاتلارنى ساتىدۇ.

«كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 يۈەنلىك كۆچەت ساتىمەن، بازار ياخشى بولغاندا كۆچەت سېتىپ 2000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن.» قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزا بازىرىدا ئەكبەر خېلى ياخشى كىرىم قىلىدۇ. ئەكبەر يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان كۆپ قىسىم دېھقانلارغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئادەم كۈچى تەننەرخىنى ھېسابلىمىغاندا، ئۇنىڭ سېتىش سوممىسى ئاساسىي جەھەتتىن پايدىغا ماڭىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىمۇ ئىستېمالچى، ئۇنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىنىڭ تۇتقۇچىغا «ئېسىل ئەرەنچە ئاياغ» دېگەن خەت يېزىلغان ئاياغ قېپى ئېسىقلىق ئىدى، ئاياغنى يېقىنلا جايدىكى يايمىدىن سېتىۋالغانىدى.

ئاشلىق، ياغ يايمىسىنىڭ ئىگىسى تۇرسۇن تۇردىنىڭ تىجارەت سوممىسى گەرچە نەچچە يۈز يۈەندىن مىڭ يۈەنگىچە بولسىمۇ، لېكىن ئاشلىق، ياغ كىرگۈزگەندىن كېيىن، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ قولىغا 100 يۈەن پايدا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: كۆپ زىيان بولمايدۇ. زىيان بولمىغاندىلا، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؛ قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا، تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.

خىرىس ئالدىدىكى گۈللىنىش يۈزلىنىشى

بۈگۈنكى كۈندە، تۈرلۈك ئىقتىسادىي يېڭى ھالەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە يېزىلاردىكى تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بازاردا پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭلا كۆرۈلدى. «يېزىمىز ناھىيە بازىرىغا بەك يېقىن، نۇرغۇن كىشى بىۋاسىتە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ پۇل خەجلەيدۇ» دېدى ئابدۇسەمەت.

ناھىيە بازىرىغا قوشنا بولغاچقا، ئونسۇ ناھىيەسى باۋدى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىدىكى تىجارەتچى ئايشەمگۈل ئاۋۇتنىڭ بېشى قاتتى. «مەن كىيىم - كېچەك ساتىمەن، لېكىن توردا مال سېتىۋېلىش بىلەن بولغان رىقابەت بەك كەسكىن، تېز يوللانما بىۋاسىتە ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.» ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىنىڭ يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شەھەرگە يېقىن بازاردىكى بىر قىسىم تۈرلەردىكى تىجارەت بارغانسېرى كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، لېكىن يېمەك - ئىچمەك تىجارىتى باشتىن - ئاخىر مۇقىم بولماقتا.

ناھىيە بازىرىدىن يىراق بولغان يېزا - كەنت بازارلىرىمۇ يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزا بازىرىدا، ئايالچە كىيىملەر ئومۇميۈزلۈك 40 ياشتىن ئاشقانلارغا ماس كېلىدۇ. «ھازىر ياشلارنىڭ ھەممىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىۋاسىتە شەھەردىن كىيىم سېتىۋالىدۇ، شۇڭا مەن ماللارنىڭ تۈرىنى تەڭشىدىم.» تىجارەتچى رىزۋانگۈل قۇربان مۇنداق دېدى: «تىجارىتىم تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئىلگىرى كىشىلەر ھېيت - بايراملاردىلا كىيىم سېتىۋالاتتى، ھازىر ئادەتتىكى كۈنلەردىمۇ سېتىۋالىدىغان بولدى. مەن بەش كۈن بازارغا چىقسام، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500 يۈەنلىك مال ساتالايمەن».

بەزى تۈرلەر ئاجىزلاشسا، يەنە بەزى يېڭى تۈرلەر بارلىققا كەلدى. ئايشەمگۈل 100 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋاتقان كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ سودىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قەدەممۇقەدەم قىستىشىغا ئۇچراۋاتقاندا، سېتىلىش باھاسى 65 مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈملۈك ئاسرايدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ قوي - كالا بازىرىدا پەيدا بولدى. «يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە بۇ جەھەتتە ئېھتىياج بار. بىز خېرىدارلارنى ھەقسىز تەربىيەلەيمىز، بىر كۈندە 1000 مو يەرنى ئايلىنىپ ئۇچالايدۇ، كۆلەملەشكەن، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكىدە ئۆسۈملۈك ئاسراشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ» دېدى سېتىش خادىمى ئابدۇللا غېنى.

يېزىلاردىكى سېتىۋېلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 15 مىڭ 575 يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىدىكىدىن 5391.82 يۈەن ئاشقان، يېزا - كەنتلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 49 مىليارد 116 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىدىكىدىن 23 مىليارد 440 مىليون يۈەن ئاشقان. «2018 - يىلى، يېزىمىزدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7481 يۈەن ئىدى، 2021 - يىلى 13 مىڭ 79 يۈەن بولۇپ، ئېشىش سوممىسى 5600 يۈەنگە يېقىنلاشتى.» لۈ پېڭ مۇنداق دېدى: «دېھقانلارنىڭ قولى پۇل كۆرگەندىن كېيىن يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەككە خەجلەيدىغان بولدى، قىلغۇسى كېلىدىغان ئىشلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى».

«ماللارنىڭ ياخشى سېتىلىش - سېتىلماسلىقى كىچىك ئىش، ياخشى سېتىلمىسا باشقىسىغا ئالماشتۇرىمەن، ئەڭ مۇھىمى بازارغا بېرىپ كېلىشىم قولايلاشتى، خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەرقايسى جايلار ئېتىراپ قىلىدۇ، مال كىرگۈزۈشمۇ قولايلىق.» ئونسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقان مەمەتجان ئەمەر مۇنداق دېدى: «مەن كۆچەت ۋە مېۋە - چېۋە ساتىمەن، ئىلگىرى ھەپتىدە ئىككى بازارغا قاتراپ ھېرىپ كېتەتتۇق، ھازىر ئالتە بازارغا قىينالمايلا بېرىپ كېلىدىغان بولدۇق، كۆپچىلىكنىڭ بازارلارغا بېرىپ كېلىشى قولايلاشتى، بازارنىڭ ھەممىلا يېرى ئادەم بىلەن تولغان، مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى، ئادەم بولمىسا كىم بىلەن سودا قىلاتتۇق؟»