قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 60قا يەتتى

日期:2022年05月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ يىل قورغاس پورتىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 60قا يەتتى» دېدى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لۈ ۋاڭشېڭ.

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گۇيياڭدىن يولغا چىققان، 42 يۈك ساندۇقى بېسىلغان، قىزدۇرۇپ پىروكاتلانغان غەيرىي قېتىشمىلىق يۇمىلاق پولات، سۈزگۈچ، ئائىلىدە ئوينىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ماشىنىسى قاتارلىق 596 توننا لىق مال قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، گىرۇزىيەگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان 60 - جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى.

2021 - يىلىدىن بۇيان، قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانى، لىنىيەسىدە بىردەك زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن قارىغاندا، 2021 - يىلى قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 35ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن جەمئىي 39ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن لىنىيەدە قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى پورتتىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي سانىنىڭ %65ىنى ئىگىلىگەن. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى پويىزلار يولغا چىقىدىغان ئورۇنلار شىئەن، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى توپلانغان شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.

لۈ ۋاڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن لىنىيەلەر ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرىدىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2021 - يىلى، قورغاس پورتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن رۇسىيەگە، كورلىدىن گىرۇزىيەگە، سانجىدىن قازاقىستان قاتارلىقلارغا قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 11ى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. 2022 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۆت لىنىيە ئىچىدە، ئىككىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەشقەردىن ئالماتاغىچە ھەمدە قەشقەر قاغىلىقتىن تاجىكىستاننىڭ سىبىدامىڭغىچە بولغان لىنىيەسىدىن ئىبارەت. بۇمۇ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن ئىبارەت بۇ تىرانسپورت شەكلىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى «مىقدار» جەھەتتىكى ئېشىشتىلا ئەمەس، بەلكى «سۈپەت» جەھەتتىكى ھالقىشتىمۇ ئىپادىلەندى. قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بېسىلغان ماللارنىڭ مال قىممىتى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىللە، تاۋار قۇرۇلمىسىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغان، كۆپ مىقدارلىق بايلىق تىپىدىكى تاۋارلار يېرىمىنى ئىگىلىگەن، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار، تەييار ئاپتوموبىل قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار زور دەرىجىدە ئاشقان.