«قۇندۇز مەلىكە»دىن ئاممىۋى پاراۋانلىق ماھىرى بولۇشقىچە

日期:2022年05月10日
来源:天山网
【字体:

چۇ ۋېنۋېن:

«قۇندۇز مەلىكە»دىن ئاممىۋى پاراۋانلىق ماھىرى بولۇشقىچە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

«<جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى>غا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ، مەن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان شەرەپ» دېدى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۇ ۋېنۋېن ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

بۇ يىل 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، چۇ ۋېنۋېن 26 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى»غا ئېرىشتى، بۇ، چۇ ۋېنۋېنغا نىسبەتەن ھەم خۇشال بولىدىغان، ھەم ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدىغان شەرەپ ئىدى. «بىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مىليونلىغان تورداشلار ۋە مەسئۇل تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا بۇ قېتىم ئېرىشكەن شان - شەرەپ ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەس، ئۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشتا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن» دېدى چۇ ۋېنۋېن.

1994 - يىلى ئالتايدا تۇغۇلغان چۇ ۋېنۋېن كىچىكىدىن تارتىپلا ھايۋاناتلارنى قوغداش مۇتەخەسسىسى بولغان دادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئىككى يېشىدىلا دادىسى ئۇنى دالىغا ئېلىپ چىققان، يەتتە يېشىدا ئۇ يۈك - تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغان، 11 يېشىدا چوڭلارغا ئەگىشىپ دالىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزغان، ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، «قۇندۇز ئاشخانىسى»، «مېڭشىن قۇندۇزىنى قوغدىغۇچى»، ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەركىزى قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق تۈرلىرىنى يولغا قويغان. دۆلەت تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان مېڭشىن قۇندۇزىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەچكە، كىشىلەر ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «قۇندۇز مەلىكە» دەپ ئاتىغان.

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئۇلۇنگۇر دەرياسى ھەم ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىدا دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان − مېڭشىن قۇندۇزى ياشايدۇ، بۇ خىل ھەم ئوماق، ھەم سۆيۈملۈك كىچىك ھايۋان ھايۋانات دۇنياسىدىكى بىناكار، دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار توسما ياساپ سۇ ساقلاپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. نۆۋەتتە مېڭشىن قۇندۇزى دۆلىتىمىزدە پەقەت ئۇلۇنگۇر دەرياسى ئېقىن رايونىغىلا تارقالغان بولۇپ، سانى 600 ئەتراپىدا، چۇ ۋېنۋېن كىچىكىدىن تارتىپلا مېڭشىن قۇندۇزىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ۋە خاتىرىلەشكە باشلىغان.

چۇ ۋېنۋېن بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شەھەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، 2018 - يىلى قەتئىيلىك بىلەن يۇرتىغا قايتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچى بولدى. ئۇ ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىنى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنىڭ مېڭشىن قۇندۇزىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولدى. چۇ ۋېنۋېن كوللېكتىپىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مېڭشىن قۇندۇزىنىڭ ئۇۋىسى 162 دىن 190گە كۆپىيىپ، تۈر توپى سانى %20 ئېشىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

تەبىئەتنى قوغداش ساھەسىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن، 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چۇ ۋېنۋېن تەكلىپكە بىنائەن يۈننەندە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىغا قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، چۇ ۋېنۋېن جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىپ، يۇرتى ئالتايدىكى مېڭشىن قۇندۇزىنى قوغداش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىدە، ياش چۇ ۋېنۋېن خەلقئارا سەھنىدە جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۈمىدۋارلىققا، ئىشەنچكە تولغان خىسلىتىنى نامايان قىلدى. «بىز پۈتۈن دۇنياغا شۇنى دېمەكچىمىزكى، جۇڭگو ياشلىرى تەبىئەتنى قوغداشقا ئەستايىدىل، كەسكىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلاندى، بىز تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىمىز، ھاياتلىققا ھۆرمەت قىلىمىز، شۇنچە كۆپ قۇرداش بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئەتنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ چوقۇم ئىنتايىن قالتىس بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى چۇ ۋېنۋېن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

چۇ ۋېنۋېننىڭ جىسمىدا يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىكى مۇستەقىل، قابىل، ئىپادىلەشكە ماھىر، ياشلىق ھاياتىي كۈچكە تولغان روھ بار. دالىدا، ئۇ ئىش بېجىرىشكە قابىل، جۇشقۇن مۇھىت قوغداش ماھىرى؛ توردا، ئۇ خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىغا ئوخشاش، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش خۇشاللىقىنى ھەممە تورداشلارغا يەتكۈزىدۇ؛ تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا، ئۇ گۈزەل، ئوچۇق - يورۇق، ئەقىل - پاراسەتكە تولغان ياش ئوبرازىدا، ھەمىشە بىمالال سۆزلەيدۇ.

چۇ ۋېنۋېننىڭ جەلپكارلىقى ۋە بوشاشماي ئىنتىلىشىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىگە قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەبىئەتنى قوغداشنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر تۈركۈم ياش توپلاندى، ئۇلار پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، تاغدا، چۆل - باياۋاندا يىلتىز تارتىپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، مېڭشىن قۇندۇزىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، تۈر توپىنىڭ سانىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، چۇ ۋېنۋېن باشچىلىقىدىكى ئالتاي ۋىلايەتلىك تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ نىشانى تېخىمۇ ئېنىق بولدى، ئۇ دەل تەبىئەتنى قوغداش ئاممىۋى پاراۋانلىقىغا قاتنىشىشنى ئاددىي ئىشقا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، كوللېكتىپ بەش يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، ئاممىنىڭ تەبىئەتنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك ۋاسىتە، يول قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «پۇل چىقىرىش» «كۈچ چىقىرىش» «ۋاقىت چىقىرىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەبىئەتنى قوغداشقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەبىئەتنى قوغداش كۈچىنى زورايتىپ، ئاممىغا قارىتىلغان تەبىئەت بىلىملىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

«بىز بۇ بىر ئەۋلاد ياشلار ئىنتايىن تەلەيلىك ھالدا دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇۋاتقان يېڭى دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، تاراتقۇلارنىڭ قاتنىشىشى، ئاممىنىڭ تەبىئەتنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشى خىزمىتىمىزنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئاساسىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تەبىئەتنى قوغداشتىكى تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەندىزە، يېڭى تېخنىكىنى يەكۈنلەپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى تەبىئەتنى قوغداش سېپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كەسىپداشلارغا ھەمبەھرىلەپ، ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرەپ قۇچىمەن» دېدى چۇ ۋېنۋېن.