«ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى تورغا چىقىرىلدى

日期:2022年05月10日
来源:天山网
【字体:

كۈندە 24 سائەت سىزنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خۇ دامىن، فېي شۈەن خەۋەر قىلىدۇ: ئىشىك ئالدىدىكى يول چىرىغى بۇزۇلۇپ، يول يۈرۈش قولايسىز بولۇپ قالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىش بېجىرگەندە خىزمەتچى خادىملارنىڭ «قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش»ىغا دۇچ كەلگەندە، قانداق قىلىش كېرەك؟ 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى تورغا چىقىرىلدى، كۈندە 24 سائەت سىزنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىڭىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ.

سىز ھەر ۋاقىت «شىنجاڭ پارتىيە تاراتقۇلىرى بىرىنچى تېرمىنالى» − ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ياكى تىيانشان تورىغا چىقىپ، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە ئەرز - شىكايەتلىرىڭىز، تەكلىپلىرىڭىز، ياردەم سورايدىغان ئىشلىرىڭىز قاتارلىقلارنى يازسىڭىز بولىدۇ، بىز بىرىنچى ۋاقىتتا رەتلەپ، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز. «شىنجاڭ گېزىتى»دە «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سەھىپىسى ماس قەدەمدە تەسىس قىلىنىپ، كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئىز بېسىپ خەۋەر قىلىنىدۇ.

«ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) تورنىڭ «خەلقتىن تەدبىر سوراش، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئۈنۈم سوراش» رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى دەۋر تور ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مېخانىزم، يېڭى ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى (ئاپتونوم رايوننىڭ «12345» مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى) بىلەن بىرلىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلغان خەلققە قولايلىق توردا تەدبىر سوراش سۇپىسى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تور قەلبداش كۆۋرۈكىدۇر.

تورداشلار سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى بېتىدە كۆرسىتىلگەن «ئەرز قىلىش، ياردەم سوراش، مەسلىھەت سوراش، تەكلىپ بېرىش» قاتارلىق سۈرەتلىك بەلگىلەرنى چېكىپ ئىلتىماس تەلىپىنى يازسا بولىدۇ، يەنە سۈرەت ۋە سىننى تورغا يوللاش ئارقىلىق ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسىمۇ بولىدۇ. مۇھەررىرلەر ھەربىر قالدۇرۇلغان سۆزنى ئەستايىدىل جەملەپ خاتىرىلەپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇش، ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئۆيدىن چىقمايلا جەمئىيەت ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى تورداشلارنىڭ ئىلتىماس تەلىپىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ بېجىرىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى چۈشۈرسىڭىز ياكى تىيانشان تورىغا چىقىپ، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» بويىچە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ.