قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك.

ئاقچى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرى. ئەركىن تۇنىياز تۈر ئورنىغا كېلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى ئىگىلىدى. ئۇ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاقچى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، قۇرۇلۇشتا قەرەلىدە ئىش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەر خىل بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇپ، قۇرۇلۇشنى تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سۇچىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاقسۇ شەھىرى خوليۇ مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئەركىن تۇنىياز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، توردا سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + پىششىقلاش بازىسى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قۇمقىشلاق كەنتىدە، ئەركىن تۇنىياز نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا سۆزلىشىپ، ئۇلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ تېخنىك شۆيۈەنىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى، شۆيۈەننىڭ تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسىپنى تۇتقا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئون چوڭ كەسىپ» قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەشۋىقات، لېكسىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن دوۋ ۋەنگۇي، دىلشات قىدىرقان قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.