كونا ئولتۇراق رايون قانداق قىلىپ «قايتا ھاياتىي كۈچكە تولدى»

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ يىمىڭ، گو چيەن

«ئوڭغۇل - دوڭغۇل يەرلەر تۈزلەندى، ئالىچىپار تاملار تازىلاندى، قالايمىقان توك سىملىرى يەرگە كۆمۈلدى، ئىشىك ئالدىدىكى قارلار پاكىز تازىلاندى...» 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەھەللىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە، ئاھالە شۆ دىبو چوڭقۇر ھاياجان بىلەن ئولتۇراق رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلىدى ھەم مۇخبىرلارنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

«مېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىنىمغا 30 نەچچە يىل بولدى، ياشىنىپ قالدىم، ئولتۇراق رايون بولسا بارغانسېرى <ياشىرىپ> كەتتى» دېدى ئۇ.

شۆ دىبو ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭمېن تەۋەلىك رايونىنىڭ گۇاڭخۇا يولى مەھەللىسىدىكى گۇاڭخۇا ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدۇ، بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا سېلىنغان. ئولتۇراق رايوننى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، مۇخبىرلار بۇ كونا ئولتۇراق رايوننىڭ ھەقىقەتەن «قايتا ھاياتىي كۈچكە تولغان»لىقىنى بايقىدى: بىنالارنىڭ تاملىرى ئاقارتىلىپ يېڭى تۈسكە كىرگەن، يوللار پاكىز، رەتلىك بولۇپ، يېڭىدىن سىزىلغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تەرتىپلىك توختىتىلغان، كونا بىنالارغا لىفىت ئورنىتىلغانىدى؛ قىش كۈنىدىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدا، ياشانغانلار چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتاتتى.

گۇاڭخۇا ئولتۇراق رايونىنىڭ «قايتا ياشىرىشى» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىن بولدى. سۇ، توك، گاز، پار يولى قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئاساسىي تۈر بويىچە ئۆزگەرتىشتىن لىفىت ئورنىتىش ھەم ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈرى بويىچە ئۆزگەرتىشكىچە، يەنە ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، تاماق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى بويىچە ئۆزگەرتىشكىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال بولغان مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىقىش قىلىپ، تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى ھەم ئۆزگەرتىش «تىزىملىكى» تارقىتىپ، ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ دائىرىسى ھەم ئۆزگەرتىشنىڭ مەزمۇنىنى بېكىتتى؛ قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈش، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ھەم سۈپىتىنى كونترول قىلىشقا پۈتۈن جەرياندا قاتنىشىپ، لايىھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىش شەرتى ئاستىدا، ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىمكانقەدەر قاندۇردى؛ قۇرۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرىگە رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى تارقىتىپ، پىكىر توپلاش ئارقىلىق تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلەپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا، دەل جايىدا ئىشلىدى.

«بىزنىڭ ئولتۇراق رايوندا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاھالىلەرنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىش، ئۆيىگە بېرىپ پىكىر ئېلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاھالىلەرنى ئۆز پىكرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ گۇاڭخۇا يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋاڭ چياڭ.

مۇخبىرلار 10 - بىنادىكى ئاھالە ليۇ يۈشياڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ نېپىز كىيىنىپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتاتتى. «بۇرۇن قىش كۈنلىرى ئۆيدە، مەن يۇڭ پوپايكىنىڭ ئۈستىگە يەنە يۇڭ جىلىتكە كىيىۋالاتتىم.» ليۇ يۈشياڭنىڭ ئېيتىشىچە: ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن ئۇ مەھەللە كادىرلىرىغا بۇ مەسىلىنى ئېيتقان، ئۆزگەرتىلىدىغان چاغدا بۇ مەسىلە جاۋابقا ئېرىشىپ، ئولتۇراق رايون بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىغا بىردەك ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى قاپلانغان.

«ئولتۇراق رايون كۆكەرتىلىدىغان چاغدا، بەزى ئاھالىلەر زىيادە ئېگىز دەرەخلەرنىڭ 3 - قەۋەت ھەم ئۇنىڭ ئاستىدىكى قەۋەتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە چۈشىدىغان كۈن نۇرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي، مەھەللە ئېگىز دەرەخلەرنى كۆچۈرۈپ كېتىپ، چاتقالغا ئالماشتۇردى.» شۆ دىبو مۇنداق دېدى: «ھازىر بالكوندا گۈل سۇغارغاندا، ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇر ئالالايمەن».

مۈلۈك باشقۇرۇش شىركەتلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئاھالىلەرنى كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىغا مېۋە، كۆكتات دۇكىنىنى كىرگۈزۈپ، ئاھالىلەرگە قولايلىق يارىتىش... گۇاڭخۇا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يەنە داۋاملاشماقتا.

2019 - يىلىدىن بۇ يىل 8 - ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 284 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونى(كەپىلىك رايون)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شىن مۇنداق بىلدۈردى: بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئولتۇراقلىشىش - تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت قىلىمىز.