پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە %70 دېھقان ئائىلىسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ساھەسىگە كىردى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى 29 مىڭ 600گە يېتىپ، %70 دېھقان ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ساھەسىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولغان، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %20تىن كۆپرەك يۇقىرى بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنى توپلىشىش، مەركەزلىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «تۆت دەرىجىلىك» (دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك) يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1151گە يەتكەن، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق باغلانما مېخانىزملار ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 28 مىڭ 700گە يەتكەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئەزاسى 431 مىڭ ئائىلىگە يەتكەن، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى 100 مىڭدىن ئاشقان، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى 1 مىليون 570 مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە تۈرتكە بولغان. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يولغا ئايلانغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتىن زەنجىرنى تۇتۇشقىچە، مەھسۇلاتنى تۇتۇشتىن كەسىپنى تۇتۇشقىچە، ھالقىنى تۇتۇشتىن سىستېمىنى تۇتۇشقىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 250 مىليون يۈەن يۆلەش مەبلىغى سېلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ قەغەز ياڭاق كەسىپلەر توپى، كورلا نەشپۈتى كەسىپلەر توپى، شىنجاڭ ئىلى ئېتى كەسىپلەر توپى، ئۈزۈم كەسىپلەر توپىدىن ئىبارەت تۆت كەسىپلەر توپى قۇرۇلغان، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازاردىن 28ى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسىدىن 134ى قۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق باشلامچى كارخانا توپلىشىش، مەركەزلىشىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىنىپ، يېزىلاردىكى 114 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىنغان.

بۇ جەرياندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە قاقلاپ قۇرۇتۇش، يېڭى پېتى ساقلاش، ئىلغاش - يۇيۇش قاتارلىق ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، شوخلا قىزىل پېگمېنتى، خۇش پۇراق ماي قاتارلىقلارنى ئىنچىكە پىششىقلاشتا نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، سانجى شەھىرى، بورتالا شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان دۆلەت دەرىجىلىك بەش زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان 1000دىن ئارتۇق كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ناھىيەلەردە پىششىقلاش باغچە رايونى بولۇش، يېزا - بازارلاردا توپلاشقان، مەركەزلەشكەن پىششىقلاش رايونى بولۇش، كەنتلەردە پىششىقلاش سېخى بولۇشتىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.