ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 121 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يەتتى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 121 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 96 مىليارد 690 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى؛ ئىمپورت سوممىسى 24 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 103 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %85.1ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەككىز پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تاشقى سودىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى سىجىل مۇستەھكەملەندى.

سودا شەكلىدىن قارىغاندا، چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى ئازراق ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى ئون ئايدا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 64 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %53.4ىنى ئىگىلىگەن. چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان، ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرى كىيىم - كېچەك ھەم كىيىم - كېچەك قوشۇمچە بۇيۇملىرى، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، ئاياغ - ئۆتۈك قاتارلىقلار بولۇپ، ئومۇمىي ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن ئاشقان، بۇ تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

سودا قىلغان دۆلەتلەردىن قارىغاندا، رەت تەرتىپى ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان تاشقى سودا ھەمراھ دۆلەتلىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان سودىسى ئەڭ چوڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %153.1 ئاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئاشقان.

ئالدىنقى ئون ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104.4لىك ئېشىش نىسبىتى بىلەن ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە 1 - ئورۇندا تۇرغان.