يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - قېتىملىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان 20 نەپەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ تەسىراتىنى سۆزلىدى ھەم تەكلىپ بەردى. شەۋكەت ئىمىن مۇنداق بىلدۈردى: ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەر ناھايىتى ئۆرنەكلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جەملەپ، رەتلەپ، پائال قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قەيەردە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈش، كۈچنى شۇ يەرگىچە مۇجەسسەملەش، رولىنى شۇ يەرگىچە جارى قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆگىنىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا زىچ مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك بىلىملەرنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىغا يېقىنلىشىپ، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئومۇمىيلىققا، تىپىكلىككە ئىگە مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى توغرا تېپىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ياخشى تاللاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىك چوڭقۇرلۇق ۋە سالماققا ئىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى ئالاقە يوللىرى ۋە مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگە، كونكرېت، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ ئۆز ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇجەسسەملەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.