ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سېپى ئۆزىدىن يالغان-ياۋىداق سۆز

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ جاي «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، فەن چيۇڭيەن

11-ئاينىڭ 25-، 26-كۈنلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، ئىلى سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى «ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىققان شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەن يالغان-ياۋىداق سۆزگە رەددىيە بەردى.

«ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ! بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ھەرقانداق كىشىنىڭ تۆھمەت قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز!» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يېزا-كەنت كەسىپلىرى تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى مۇختار مۇبارەك غەزەپلەنگەن ھالدا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا تولىمۇ مىننەتدار بولدى. مۇختار مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بەلكىم مەنمۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىمغا ئوخشاش يايلاقتا پادا بېقىپ دالىدا قونۇپ يۈرۈيدىغان چارۋىچى بولغان بولاتتىم. داشۆنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى، كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئېچىلغان مەخسۇس مەيدان سۆھبەت يىغىنىدا، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن 14 ۋەكىل ئەتراپىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى. «بىز قىرغىزلاردا <جاپالىق تەر ئاققۇزۇش بەدىلىگە يىلمۇيىل مول ھوسۇلغا ئېرىشكىلى بولىدۇ> دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار»، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىبىيەت ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا، مەيلى يېزا ياكى شەھەردە بولسۇن، ھەر مىللەت ئامما ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، بارغانسېرى ياخشى كۈنگە ئېرىشتى. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىققان ئاتالمىش <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> دېگەن يالغان-ياۋىداق سۆز بارلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ نەزەرىدە دەل ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا چېچىلغان يۇندى! بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز، شۇنداقلا يول قويمايمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشى مۇقەررەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ!»

«سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇغا <يېڭى> قانات ئاتا قىلىدۇ!» ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى جىسۈي شىنجاڭغا ئاساسسىز قارا چاپلىغان بىمەنە سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى جىسۈي ئۆزى تەتقىق قىلغان رايون يەكەن ناھىيەسىنى مىسال قىلىپ، ئىلگىرىكى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، سوئال قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈش ھەم چوڭقۇر زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشىش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي ئىلگىرىلەشنى ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. سۆھبەت داۋامىدا، ھەرقايسى جايلاردىكى ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئەمگىكىمىز ئارقىلىق پۇل تېپىپ، ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلەيمىز دەپ تالىشىپ بارىدۇ، نەدىمۇ مەجبۇرلاش بولسۇن!»

شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىل ئابلىزنىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىدە. تەتىلدە پىراكتىكا قىلغاندا، ئۇ شۇ جايدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان تىپىك شەخس خەيرۇلخان مەتنىياز بىلەن تونۇشتى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، خەيرۇلخان بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ، ماھارىتىگە تايىنىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى نامراتلىقتىن تەلتۆكۈس قۇتۇلدۇردى. «ئەمگەك بەختنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ!» ئادىل كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە قايتۇرما زەربە بېرىشكە ئىرادە باغلىدى.

ئىلى سىفەن داشۆسىدە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللاردا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ھەر مىللەت ئامما جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق، گۈزەل تۇرمۇشقا تۇتىشىدىغان داغدام يولدا ئۆز ئارزۇسى ۋە كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرماقتا. بۇ ھەقىقىي بەخت تۇيغۇلىرى ئالدىدا، ئاشۇ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن يالغان-ياۋىداق سۆز ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ.