ئاپتونوم رايون مۇھىم، زور تۈرلەر بويىچە ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

日期:2021年11月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايون مۇھىم، زور تۈرلەر بويىچە ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش ئارقىلىق، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ ئۇدۇللىشىپ ھەمكارلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشى، تىجارەت قىلىشىدا مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تۈر قۇرۇلۇشىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوللاشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قوللاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ سۇبيېكت»نىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش، كارخانا ئاساسىي كۈچ بولۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. سىياسەت، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، باھالاشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ سىستېما» بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. قەرەللىك ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىپ ئورتاق پايدا ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، «ئۈچ چوڭ مېخانىزم»نىڭ ماسلىشىپ كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن مەڭلىك سىيىت يىغىنغا قاتناشتى.