جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى يېپىلدى

日期:2021年10月27日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى.

يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، ياڭ چېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنى باشلاندى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 722 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 686 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

باش بېلەت نازارەتچىسى، مۇئاۋىن باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىگە ئاساسەن، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلىدە 83 ئەزا، 17 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 47 ئەزاسىنى سايلاپ چىقتى.

سائەت 12لەردە، چېن چۈەنگو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئارقىدىن قۇرۇلتايدا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىدىغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، روھنى ئۇرغۇتقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ تولۇپ - تاشقان غەيرەت - شىجائەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى مۇساپە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىردى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا زىممىمىزگە ئالىدىغان تارىخىي مۇھىم ۋەزىپە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سادىق، قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى جاسارەت بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ كەڭ بىرلىك سېپىنى قۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئاۋات - باي شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق پايدىسىنى قويۇپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىزىقىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەشكە پائال يېتەكلەش كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىدا مېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغۇسى چېلىندى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۈرلۈك ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

قۇرۇلتاي سايلىمىدىن كېيىن، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقانلاردىن: ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ پارتىيەلىك مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بار.

قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.