جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرى

日期:2021年10月27日
来源:天山网
【字体:

يولداش چېن چۈەنگو

چېن چۈەنگو، ئەر، خەنزۇ، 1955 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېيسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى.

يولداش ئەركىن تۇنىياز

ئەركىن تۇنىياز، ئەر، ئۇيغۇر، 1961 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى.

يولداش لى يىفېي

لى يىفېي، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر دەرىجىلىك.

يولداش جاڭ چۇنلىن

جاڭ چۇنلىن، ئەر، خەنزۇ، 1965 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

يولداش خې جۇڭيوۋ

خې جۇڭيوۋ، ئەر، خەنزۇ، 1965 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

يولداش ياڭ چېڭ

يولداش ياڭ چېڭ

ياڭ چېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، خىزمەتتىكى داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ جۇڭجياڭى، جېڭۋېيسى.

يولداش جاڭ جۇ

يولداش جاڭ جۇ

جاڭ جۇ، ئەر، خەنزۇ، 1968 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى.

يولداش تيەن شياڭلى

يولداش تيەن شياڭلى

تيەن شياڭلى، ئەر، خەنزۇ، 1962 - يىلى 11 - ئايدا تۇغۇلغان، خىزمەتتىكى داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى.

يولداش چېن ۋېيجۈن

يولداش چېن ۋېيجۈن

چېن ۋېيجۈن، ئەر، خەنزۇ، 1966 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.

يولداش ۋاڭ مىڭشەن

يولداش ۋاڭ مىڭشەن

ۋاڭ مىڭشەن، ئەر، خەنزۇ، 1964 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

يولداش زۇمرەت ئوبۇل

يولداش زۇمرەت ئوبۇل

زۇمرەت ئوبۇل، ئايال، ئۇيغۇر، 1965 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلغان، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.

يولداش ياڭ فاسېن

يولداش ياڭ فاسېن

ياڭ فاسېن، ئەر، خەنزۇ، 1971 - يىلى 2 - ئايدا تۇغۇلغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

يولداش يۈسۈپجان مەمەت

يولداش يۈسۈپجان مەمەت

يۈسۈپجان مەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1968 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

يولداش ئېلزات ئەخمەتجان

يولداش ئېلزات ئەخمەتجان

ئېلزات ئەخمەتجان، ئەر، ئۇيغۇر، 1975 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.

يولداش قادېن كەبىن

يولداش قادېن كەبىن

قادېن كەبىن، ئەر، قازاق، 1969 - يىلى 3 - ئايدا تۇغۇلغان، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى.