جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار

日期:2021年10月27日
来源:天山网
【字体:

(2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قۇرۇلتىيى ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈردى، تەستىقلىدى.

قۇرۇلتايدا مۇنداق قارالدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىستىلنى تۈزىتىپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، يۇقۇمنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى قوغداپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قوغداشتا مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەم مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

قۇرۇلتايدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى باش تېما قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ ئىجرا قىلىشقا بولغان نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش رولى، مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇپ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت ئارقىلىق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.