ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 4 -، 5 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

​چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى​

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى رەسمىي نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن 4 -، 5 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4 - يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تەييارلىق سايلام نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى كاندىدات ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق سايلام ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 5 - يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى كاندىدات ئەزالىرىنىڭ تەييارلىق سايلام نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى رەسمىي نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلدى.