100 يىللىق پارتىيە تارىخى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ليۇ شياڭ

100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، نۆۋەتتە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەۋجىگە چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىمىز.

چوڭقۇر ئۆگىنىش داۋامىدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىش

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسى.» شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم، ۋەكىل ئوسمان تالىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شايار ناھىيەسى مەركەزلىك ئۆگىنىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، قىزىل كىتاب ئوقۇش قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان تور ۋە تور سىرتىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

غۇلجا ناھىيەسى پائالىيەت ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مىكرو دېكلاماتسىيە، مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو ھېكايە، مىكرو ھەمبەھرىلىنىشتىن ئىبارەت «تۆت مىكرو» ئۆگىنىش، ئىشلىتىش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى. غۇلجا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم، ۋەكىل ئادىل مەمەت مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئوقۇش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا تەشكىللىدۇق، يەنە پارتىيە دەرسىنى كەنت(مەھەللە)لەرگە، ئېتىز باشلىرىغا، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە يۆتكەپ كېلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئادىل مەمەت.

خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ جەزمەن بېجىرىش كېرەك. گۇما ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل فېڭ ۋۇنيەن چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوقۇم خەلق چاكىرىلىق ئېڭى ۋە خەلقچىللىق ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئىشنى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تىزىملىكىنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ھەل قىلدى.

شايار ناھىيەسى ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى مەركەزلەشكەن، جەمئىيەت كەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جىددىي ئىشلار، قىيىن ئىشلارنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. ئوسمان تالىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ناھىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارغا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى تارقىتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى؛ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل يۇرت سېغىنىشىنى ساقلاپ قالدى؛ دېھقانلارنى تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈردى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى».

غۇلجا ناھىيەسى «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، 481 تۈرلۈك ئىلتىماس بويىچە بېجىرىلىدىغان مەمۇرىي ھوقۇق ئىش تۈرى، 215 تۈرلۈك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىش تۈرى ھەمدە سۇ، توك، گاز، پارغا چېتىلىدىغان ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ھەق ئېلىشى قاتارلىق جەمئىيەت مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە مەركەزلىك بېجىرىپ، ئامما ئىش بېجىرىشتە پەقەت «بىرلا ئىشىك»تىن كىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئادىل مەمەت مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشقا سىجىل كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

ئۇدا كۈرەش قىلىش جەريانىدا گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش

100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك؛ كەلگۈسى تەرەققىياتقا يۈزلىنىپ، زىممىدىكى مۇھىم ۋەزىپىنى تېخىمۇ ئويلاش كېرەك.

چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلار ئارامگاھى بەرپا قىلىش؛ قوي - كالا سودا بازىرى قۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش... يىغىن مەزگىلىدە، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئاڭگىلىگ بازىرى توسخورتو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پۇربۇ پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا ئىزچىل سېلىشتۇرۇپ، قانداق قىلىپ كەنتنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ گۈزەل قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ياخشى قەلبداش، سىرداش، يول باشلىغۇچى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىم كېرەك».

مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب گىرۋىكىگە جايلاشقان، قۇملۇق كۆلىمى پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. مەكىت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل چېن چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسى بەش يىلدا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۆللىشىشنى تۈزەشنى سىجىل زورايتىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش ۋە ئېچىشنى كۈچەيتىپ، ئورمان ئاستى ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. كەلگۈسى بەش يىلدا، بىز ئاممىنىڭ ئىدىيە تۈگۈنى، قىيىنچىلىق ئىلتىماس - تەلىپى ۋە جانىجان مەنپەئىتىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىمىز، ئىستىلنى ياخشىلايمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.» فېڭ ۋۇنيەن قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككى موتور»نى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، كۆلەمنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.