مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلماقتا.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كەڭ ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىش كېرەك.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز جىغان مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەخسلەر كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش، خەتتاتلىق كۇرسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردۇق.» ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ گوچياڭ مۇنداق دېدى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يۈەنمەي خەن - تاڭ خەتتاتلىق - رەسساملىق يۇرتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چوڭ قورۇسى ھەمدە شەھەر كۇتۇپخانىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، خەن - تاڭ يولى، بەدەل تۇر سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە رادىيو - تېلېۋىزوردا تەشۋىق قىلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تىپلار ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى.

شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشىدۇر. باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل پېڭ گاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باي ناھىيەسى ئىجادىي ھالدا بىر قاتار مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆي، ليۇ پىڭگو تاش ئويمىسى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى

«بۇ بەش يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارگۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدۇق». پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بۇ جۈملە سۆز قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، جياۋداۋيۈەنى، ۋەكىل تاۋ يۇڭشېڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەر كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىز <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەۋەلىكىمىزدىكى ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەيمىز».

بۇ بىرنەچچە كۈندە، ۋەكىل تاۋ يۇڭشېڭ بىكار بولسىلا، ۋاقىت چىقىرىپ قوشماقلاشقان تۇغقىنى خەيرىگۈل تەۋەككۇلگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭدىن كىچىك دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى كېڭەيتىش ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى. ئۇلار 2016 - يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندا تونۇشقان بولۇپ، بىرنەچچە يىل بېرىش - كېلىش جەريانىدا خۇددى تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدى. نەزەرباغ ساقچىخانىسىدىكى باشقا خەلق ساقچىلىرىنىڭمۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار بولۇپ، كۆپچىلىك بىر - بىرى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا ھېسسىياتى بارغانسېرى يۇغۇرۇلدى، بۇ يىل نەزەرباغ ساقچىخانىسى شەرەپ بىلەن يەنە «قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

زىيارەت قىلىۋاتقاندا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ چېڭنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى، ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى قۇرمانغازى تامۇرات تېلېفوندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىم، مەن پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر نۇرغۇن مەزمۇن تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆردۈم، سىز قاچان قايتىپ كېلىسىز، مەن ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىمنى چاقىراي، سىز يىغىننىڭ روھىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز بىللە ئاڭلايلى».

«ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، مېھىر - مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.» ۋەكىل ليۇ چېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە «چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش» ۋە «ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان» مەھەللە مۇھىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 11 مەھەللە 39 ئولتۇراق رايون بار، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى، قوشنىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئېجىل - ئىناق.

جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش. ۋەكىل ليۇ چېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، كۆكتوقاي ناھىيەسى داۋاملىق تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى تۈپ يول قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىدۇ.

ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشتى

پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆكتوقاي ناھىيەسى مەدىنبېك مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، ۋەكىل مەدىنبېك مۇراتقان ھاياجېنىنى باسالماي قالدى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى لېكسىيە سۆزلەش بىرىنچى سېپىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.

«مەن لېكسىيە تېزىسى تېمىسىنى ئويلىشىپ بولدۇم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئېيتىشىش، ئېتۇت ئورۇنداش، يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر بىر ئائىلىگە يەتكۈزىمەن.» مەدىنبېك مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولىمەن.

«باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى مەدھىيە ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدىغان، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق.» پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بۇ بىر بۆلەك سۆز ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىيقانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ۋەكىل جاڭ تۇڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ شەھىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە قانات يايدۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۆزئارا ئېجىل - ئىناق ئۆتىدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىملەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە خېلى بۇرۇنلا يېيىلدى. «ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىش ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى» دېدى ۋەكىل جاڭ تۇڭ.

«پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، <ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش> پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. مەكتىپىمىز ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كەلدى.» قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ۋەكىل گو چىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇن دوست تۇتتى، يەنە مەخسۇس پولۇ ئېتىشنى ئۆگىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.

«مەن تارىخ دەرسى بېرىمەن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تارىخقا ئىنتايىن قىزىقىدۇ، بىز دائىم بىللە ئايلانغاندا، تاماق يېگەندە بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلىشىمىز، مەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويىمەن.» گو چىڭ مۇنداق دېدى: «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئورتاق ئادەم تەربىيەلەيدىغان مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمەن.