«ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

خەلقنىڭ ئارزۇسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبى ئىللىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئارىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە قوزغىدى، كۆپچىلىك كەلگۈسى بەش يىلدا، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئورتاق ئۈمىد قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

پوسكام ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل شېن يۈنفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پوسكام ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بەش يىلدىن بۇيان يېڭىدىن 35 مىڭ 800 ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 31 مىڭ 200 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار 85 مىڭ كىشىنىڭ «ھەممە كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش»ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پوسكام ناھىيەسى كەسىپكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيەدە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بولۇش، يېزىلاردا تېخنىك ئىشچىلار شۆبە مەكتىپى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «زاكاز شەكلى» «نىشانلىق شەكىل» «ئىش ئورنىنى بېكىتىش» «ئادەمنى بېكىتىش» بويىچە دەل جايىدا تەربىيەلەش ئارقىلىق، سىياسەت يەتكۈزۈش، تەربىيەلەشنى يەتكۈزۈش، ئىش ئورنىنى يەتكۈزۈش، مۇلازىمەتنى يەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇشقا ئۆزگىرىشكە، قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەشتىن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئۆزگىرىشكە، جىسمانىي ئەمگەك تىپىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ماھارەت تىپىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئۆزگىرىشكە، تۆۋەن كىرىملىك بولۇشتىن يۇقىرى كىرىملىك بولۇشقا ئۆزگىرىشكە يېتەكلىدى. بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ سانى، ئىش تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچى سىجىل ئاشتى.

ۋەكىل شېن يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، پوسكام ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى نىشان قىلىپ، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 4800 كىشىگە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەممە ئادەم يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

«بەش يىلدىن بۇيان، قاراماي شەھىرى ساغلاملىق شەھەر قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسىنى %23.39كە يەتكۈزدى.» قاراماي شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، ۋەكىل ياڭ يۈلىن مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ماسلىشىش تىپىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، داۋالاش - سەھىيە بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

قاراماي شەھىرى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن مەھەللە سەھىيە ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، رايون ئىچىدىكى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، 2020 - يىلى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلاشقان ساغلاملىق ئارخىپىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش نىسبىتى %84.53كە يەتتى.

بەش يىلدىن بۇيان، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، قاتناش يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تاماملىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

ئاقچى ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ۋەكىل ۋاڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئەمىن ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي تۇرالغۇ قىلىش»تىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاقچى ناھىيەسى بۇ ئورۇن بەلگىلەشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش بولغان، كۆپ يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

«كېيىنكى قەدەمدە، تۇرالغۇ كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىمىز.» ۋەكىل ۋاڭ يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: ئاقچى ناھىيەسى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى ئاساس قىلغان، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينى ماددىي بۇيۇملارنى سەپلەپ ئىجارە بېرىش بىلەن ئىجارە تولۇقلىمىسى بېرىش تەڭ يولغا قويۇلغان تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرالغۇ كاپالىتىدە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋاقىت چېكىنى قىسقارتىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىنچ، ئازادە، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئامما خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىدىن خۇشاللىق بىلەن بەھرىمەن بولدى

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا - كەنت يەسلىلىرىنىڭ مۇھىتىدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولدى. «يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. ھەممە كەنتتە يەسلى بار بولدى، يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئىنتايىن ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلدى» دېدى مارالبېشى ناھىيەلىك تۇڭمېڭ يەسلىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەسلى باشلىقى، ۋەكىل ھەمراگۈل ئابدۇل.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. بۇ، ۋەكىل ھەمراگۈل ئابدۇلنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى: «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، يېزا - كەنت يەسلىلىرى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، مائارىپ ئەسلىھەلەر سەپلىمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. غايىلىك، ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئىقتىدارى كۈچلۈك تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇتقۇچىلار يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان بولدى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن».

«بۇ يىل بىزنىڭ كەنتتە كونا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى، يەنە يېڭى مەدەنىيەت كىچىك مەيدانى ياسىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى، مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى.» ئاقتۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تورتاي دېھقانچىلىق مەيدانى ئۇزولا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى، ۋەكىل ئايگۈل سادىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئاپتونوم رايون يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتى، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە يىلدا بىر ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

«ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىدىكى چېگرا مۇھاپىزەتچىسى، ۋەكىل بۇرماقان مولدونىڭ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇۋېتىپتۇ، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپتۇ، قاتناش بارغانسېرى قولايلىشىپتۇ، يۇرتداشلار كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار ئىكەن، ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بار ئىكەن، تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋېتىپتۇ. ۋەكىل بۇرماقان مولدو مۇنداق دېدى: «مەن قايتىپ بېرىپ بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەرھال يۇرتداشلارغا ئېيتىمەن، كۆپچىلىكنى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن».