«شىنجاڭدا نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان ياخشى ئىشلار بار ئىكەن!»

日期:2021年10月26日
来源:天山网
【字体:

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتى تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىن

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى 20 نەچچە كىشى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئامېرىكا، رۇسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلاردىن تەركىب تاپقان.

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى بېكىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كەلدى، بۇ چاغدا دەل ھەر مىللەت ياشانغانلار مەھەللىدە ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ناخشىلىرى، شادىيانە ئۇسسۇللىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداش، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىخەي مائارىپ گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ لىندانى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاھالىلەر بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى.

«شىنجاڭدا بۇنداق ياخشى مەھەللىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مەھەللىدە ياشانغانلار خور ئۆمىكى، ئۇسسۇل ئۆيى، خەتتاتلىق - رەسساملىق ئۆيى، يەنە بالىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسى بار ئىكەن. ئاھالىلەرنىڭ قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان تەبەسسۇمىدىن مەن ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدىم، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن مول، رەڭدار ئىكەن» دېدى ۋاڭ لىندا.

ئارقىدىن، تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىغا كەلدى. مىللىي خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر توپى ئىچىدە ساياھەت قىلىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۈرلۈك قۇرۇق مېۋىلەر، ئۆزگىچە قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مىللىي چالغۇلارنى كۆرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ يى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا ئۈزۈمنىڭلا نەچچە يۈز خىل سورتىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بۇ يەردە مەن شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىكلىكىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە، شىنجاڭ بىر گۆھەر زېمىن ئىكەن».

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمە»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكى زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.

«تېررورىزم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شىنجاڭ قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈپتۇ. شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە جۇڭگو ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپتۇ، نۇرغۇن تەجرىبە، ئۇسۇل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىكەن» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداش، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق جەمئىيىتى ئانگولا دوستلۇق كومىتېتىنىڭ ئانگولادا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئورنىنىڭ ۋەكىلى جاۋ خۇڭبىڭ.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

«شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق ھۆرمەتلىنىپتۇ ۋە قوغدىلىپتۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھۆكۈمەت دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە دىنىي سورۇنلارنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپتۇ. مېنىڭچە، بىزنىڭ بۇ يەردە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك رەددىيە» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىختىساسلىقلار ئامبىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئىشلىرى ۋە چياۋمىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ ياڭ.

تەكشۈرۈش ئۆمىكى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىرىك پىلان سارىيى ۋە جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ھەمدە شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىرىك پىلان سارىيىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى»نىڭ لىنىيە خەرىتىسىنى كۆرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداش، قىرغىزىستاندىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارغا ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ سەيپىڭ چەكسىز ھاياجانلاندى.

«مۇشۇ يىللاردا، مەن قىرغىزىستاندا <بىر بەلباغ، بىر يول>غا ئالاقىدار تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسىنىڭ جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان نۇرغۇن ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان قاتناش، رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، جارى قىلدۇرىدىغان رولى بارغانسېرى مۇھىم بولىدۇ» دېدى ياڭ سەيپىڭ.

«بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم مېنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىلگىرىكى تونۇشۇمنى ئۆزگەرتتى.» مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداش، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، تاشقى ئىقتىساد - سودا داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى تاڭ لىن بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغىنىنى قىلچە يوشۇرمىدى، «قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسى، قېزىش ماشىنىسى، بولۇپمۇ ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش، يىراقتىن كونترول قىلىپ ئەقلىي - ئىقتىدارلىق پاختا يىغىشنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، مەن شىنجاڭدا پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدىم. ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىلغان تېخنىكىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكۈچىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».