​قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

日期:2021年09月13日
来源:天山网
【字体:

چېن چۈەنگو شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

​پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى

37 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ماركسىزم شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 37 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى.

ماركسىزم شۆيۈەنىدە، چېن چۈەنگو ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ماركسىزم شۆيۈەنى ماركسىزمچى بولۇش، ماركسىزم شۆيۈەنىدە ماركسىزمنى سۆزلەش»تەك روشەن يۆنىلىش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئوقۇتىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇستەھكەم بازىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ياشلىقىغا يۈز كېلىپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ئۆگىنىش ۋاقتىنى قەدىرلەپ، مول بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كىتاب ئوقۇشنى سۆيۈپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇپ، تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىپ، بىلىم ۋە قابىلىيىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى بېغىشلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو ئىجتىمائىي پەن تەجرىبە بىناسى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى كەسپىي ئەمەلىي مەشىق ئۆيىگە كېلىپ، پەن قۇرۇلۇشى، دەرس تەسىس قىلىش، مائارىپ ئوقۇتۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بالىلار سىفەن مائارىپىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو يەنە مەكتەپ مەمۇرىيەت بىناسىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئادىمىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بىخەتەر، ئازادە، قولايلىق بولغان ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 -ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە «تۆت تارىخ» تەشۋىقات تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي ساپا، كەسپىي ئىقتىدار، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى دائىملىق ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار باشقىلارغا ئوقۇتۇشتا ئۇستاز، ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەش، بېرىلىپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىدىيە - ئەخلاق، مەدەنىيەت بىلىملىرى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مائارىپ قۇرۇلمىسى، پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بارلىق خادىملارنى پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ غايە - ئېتىقادلىق، ئەخلاق - پەزىلەتلىك، پۇختا بىلىملىك، مېھرىبان قەلبكە ئىگە بولغان تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يىفېي قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.