​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «جانلاندۇردى»

日期:2021年09月13日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ شەھىرى:

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «جانلاندۇردى»

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

قىزىل كېمىنى تورغا كۆچۈرۈپ، يان تېلېفون ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا قىزىل كېمە روھىنى ھېس قىلدۇرغۇزۇش؛ پارتىيە تارىخىنى كەنتلەردە «يېزىپ»، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا يېنىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىش؛ ئەمەلىي ئىشلارنى يېنىدا قىلىپ، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش... پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى «جانلاندۇرۇپ»، ئۇنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.

مۇزېينى يېنىدا «ئېلىپ يۈرۈش»

9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتە، ئاقسۇنىڭ شەھەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئالىيە قاھار چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قولىغا يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ئاقسۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتىنىڭ كىچىك پىروگراممىسىنى ئېچىپ، مىكروفون بەلگىسىنى چېكىشى بىلەن، توردىكى چۈشەندۈرگۈچى پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

«ھەر قېتىم توردا پارتىيە تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى كۆرگەندە يېڭى ھاسىلاتقا ئېرىشىمەن. بۇ كىچىك پىروگرامما خۇددى مۇزىينى ياندا ئېلىپ يۈرگەنگە ئوخشايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا ئۇنىڭدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ» دېدى ئالىيە.

تېخىمۇ كۆپ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە تارىخى، قىزىل كېمە روھىنى ئىگىلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى (مۇزېي) تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخى يۈرۈشلۈك كۆرگەزمىسى ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدىن پايدىلىنىپ پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسىنى يان تېلېفونغا كۆچۈردى، بۇ خىل «كۆرگەزمە +» ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش يېڭى شەكلى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 307 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى (مۇزېي)نىڭ باشلىقى (مۇزېي باشلىقى) يەن سۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە <كۆچمە مۇزېي>نى ئاساسىي قاتلامغا ئېلىپ بېرىش سەييارە كۆرگەزمە پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق ھەم ئوخشىمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، كۆچمە كۆرگەزمىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈشنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭدا كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى بايان قىلدۇق».

كۈرەش قىلىش تارىخىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا «يېزىش»

«باغچى كەنتى ياخشى جاي، بىز باغچىنىڭ يېنىدا تۇرىمىز...» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى باغچى كەنتىگە بارغاندا، ئاھالە كومىتېتىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش تارىخى بايان قىلىنغان بىر مەيدان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرى قويۇلۇۋاتاتتى، ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئوينىغان كۇەيبەن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

باغچى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: باغچى كەنتىدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ كۈرەش قىلغانلىق مۇساپىسى ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىغا كىرگۈزۈلۈپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى «ئەسلىي مەقسەت سارىيى»غا «قويۇلۇپ»، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا «يېزىلدى».

كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بىر كىلومېتىر كەلمەيدىغان جايدا، بىر «رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەت كوچىسى» بار، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە تۈرلۈك دۇكانلارنى ئېچىپ، بەزىلىرى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلدى، بەزىلىرى خاس مېۋە تىجارىتى قىلدى، يەنە نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى، ھېس قىلىش سارىيى ئاچتى.

«ئىلگىرى بۇ يەر بىر توپا يول ئىدى، ھازىر بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمىزدىكى <تېز سۈرئەتلىك يول>غا ئايلاندى.» ياغاچ ئويما تىجارىتى قىلىدىغان ئالىم ئوسمان مۇنداق دېدى: بۇمۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. بۇ كوچا 300دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشىك ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، يىلىغا 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 10 مىليون يۈەنگە يېقىن بولدى.

«ئالدىنقى ئايدا مەن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان داچامغا كۆچۈپ كىردىم، يېقىندا يەنە ئىككىنچى يېڭى ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن» دېدى ئالىم.

ۋاڭ چۇڭ مۇنداق دېدى: باغچى كەنتى «ئەسلىي مەقسەت سارىيى»دىن پايدىلىنىپ نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خاس ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. ھازىرغا قەدەر، ئامما ئۈچۈن جەمئىي 126 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 2300دىن ئارتۇق ئامما نەپكە ئېرىشتى.

بەخت تۇيغۇسىنى تۇرمۇشقا «سىزىش»

«پات يېقىندا مەن تۇرۇۋاتقان بىناغىمۇ لىفىت ئورنىتىلىدىغان بولدى» دېدى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى يېڭىبازار مەھەللىسى شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ۋاڭ خېشېڭ.

1989 - يىلىدىن باشلاپ، ۋاڭ خېشېڭ ئىزچىل شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدا تۇرۇپ كەلدى. «مەن ئەمدىلا كۆچۈپ كىرگەندە، بۇ يەردە چوڭ - كىچىك ئون ئولتۇراق رايونى بار بولۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ يوللىرى ئېگىز - پەس ئىدى، يامغۇر ياغسا ھەممە يەر لاي سۇ ئازگىلى بولۇپ كېتەتتى» دېدى ۋاڭ خېشېڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ئىشكاپى، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، بىنانىڭ سىرتقى تېمى ئاقارتىلىپ يېڭىلاندى، بىنا كارىدورى پاكىز، ئازادە بولۇپ، بىناغا چىقىپ چۈشۈشتە لىفىت بار بولدى... ئولتۇراق رايون يەنە يەر كۆلىمى 103 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قىزىل كۇتۇپخانا بەرپا قىلىپ، پارتىيە تارىخى تۈرى، قانۇنچىللىق تۈرى قاتارلىق سەككىز تۈردىكى 11 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى كۆرگەزمىگە تىزدى. ۋاڭ خېشېڭ ۋاقتى بولسىلا قوشنىلىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب ئوقۇيدۇ، گېزىت كۆرىدۇ، بۇ يەرمۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش كىچىك دەرسخانىسىغا ئايلاندى.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى يېڭىبازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جۇڭبىن مۇنداق دېدى: «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، مەھەللە مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتى، تۈجۈپىلەشتى، بىز مەھەللە يىرىك پىلانى، ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتى، توكسىكلىتلارغا توك قاچىلاش قاتارلىق تۈرلەرنى <مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرىمىز».