​چېگرا رايوندا ئارزۇ قوغلاشقان بېيجىڭ داشۆنىڭ دوكتورى

日期:2021年09月13日
来源:天山网
【字体:

يۈ يۈ:​

چېگرا رايوندا ئارزۇ قوغلاشقان بېيجىڭ داشۆنىڭ دوكتورى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، يەن شياۋتيەن

«شياۋنى(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) يېقىندىن بۇيان بەك تىرىشتى، ھازىر دەرس تەكرارلاۋاتىدۇ، يەنە تېخى كېيىن داشۆنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ يۇرتۇمغا قايتىپ، يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن، دەيدۇ.» 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈ يۈ كەنت ئاھالىلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان شياۋنىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولدى.

يۈ يۈ بېيجىڭ داشۆنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، شۇنداقلا شىنجاڭغا كېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان، بېيجىڭ داشۆ دوكتورلار ئىچىدىن تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان تۇنجى ئوقۇغۇچى. ئەينى ۋاقىتتا، يۈ يۈنىڭ تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە شىنجاڭغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىرقىسىم ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرى ئۇنى بەك ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى دەپ قارىدى. ئەسلىدە، 2019 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، يۈ يۈ مەلۇم بىر كارخانىنىڭ 2 مىليون يۈەن يىللىق مائاش بېرىش ئالاھىدە تەكلىپىنى رەت قىلىپ، جەنۇبتىكى مەلۇم ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ھۆكۈمەت ئىش ئورنىدىن ۋاز كېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئىش ئورنىغا بېرىپ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشنى تاللىغانىدى.

«چېگرا رايونغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، كىچىك ئىشلارنى چوڭ ئىش سۈپىتىدە قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەردىن، يول ئاچقۇچىلاردىن ۋە ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلاردىن بولۇش دەل مەن تاللىغان كىشىلىك ھايات يولى، شۇنداقلا مېنىڭ بۇرچۇم» دېدى يۈ يۈ، شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلەشنى تاللاش قىزىققانلىق قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئويلىشىپ چىقارغان قارار ئىدى.

يۈ يۈ كىچىكىدىن تارتىپلا چېگرا رايونغا رىشتە باغلاپ، «بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس - تۈتەك، ئەزم دەريادا پېتىۋاتقان يۇپيۇمىلاق قۇياش»تەك بىپايانلىققا تەلپۈندى، «چىغلارنىمۇ ئۈزۈپ كەتتى كەڭ زېمىننى قۇچقان بوران، ئىسسىقتا خۇ دىيارىدا قار ئۇچۇشتىن بولدى نىشان»دەك ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلدى، لى بەينىڭ «سۇغۇرۇپ خەنجەر - قېلىچنى قىنىدىن، گۇم قىلىشتۇر كىروراننى ئوي - تىلەك»تەك جاسارىتىدىن تەسىرلەندى، لى خېنىڭ «ئەركەك نېمە ئۈچۈن ياراغ ئېلىپ ئاتلىنىپ جەڭگاھقا، قايتۇرۇۋالماس ۋەتەننىڭ قولدىن كەتكەن يېرىنى»دەك غەيرىتىگە چوقۇندى، بەن چاۋ، زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاجايىپ قالتىس ھېكايىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ تۇپراق ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن قەھرىمانلىق جاسارىتىگە ناھايىتى ئىنتىلدى.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، يۈ يۈ ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە پويىزغا ئولتۇرۇپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە كەلدى، ئازاق يېزىسىغا كەلگەن ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئازاق يېزىسى تىجەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

جاپا چېكىشكە تەييارلىق كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئويلىغىنىغا يەنىلا ئوخشىماي قالدى، ئۇ دۇچ كېلىدىغان سىناقلار ئەمدىلا باشلانغانىدى: كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش شارائىتى ناچار بولۇش، قىشتا ھاۋا ھەم سوغۇق ھەم قۇرغاق بولۇش، يېمەك - ئىچمەكنىڭ تۈرى ئاددىي، كۆكتات ئاز بولۇش، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆزلىشىشتە توسالغۇ بولۇش، يۈ يۈنىڭ ئالدىغا بۇ قىيىنچىلىقلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلدى.

يۈ يۈ غەيرەت قىلىپ، ماسلىشىپ، بارلىق زېھنىي كۈچىنى خىزمەتكە سەرپ قىلىپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. كەنتتە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن شياۋنى ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئائىلە شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. يۈ يۈ ئۇنى داۋاملىق ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇش پىلانى تۈزۈشىگە ياردەم بەردى، ئۇنىڭ تەسىرىدە، شياۋنى داشۆگە ئىمتىھان بېرىشكە ئىرادە باغلاپ، كەلگۈسىدە يەنە ماگىستىرلىقتا ئوقۇماقچى بولدى. «قارىماققا بۇ ئىنتايىن كىچىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ تەقدىرىگە تەسىر قىلالىدىم، بۇ مېنى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى» دېدى يۈ يۈ.

2020 - يىلى 4 - ئايدا، يۈ يۈ ئازاق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا يۆتكىلىپ تەيىنلەندى. تىجەن كەنتىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، كەنت روناق تاپقانىدى. كەسىپلەر كوچىسى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 22 كارخانا ماكانلىشىپ، كەنتتىكى 1000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ كەنتنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سېتىش كەسىپ زەنجىرى راۋانلىشىپ، مۇناقى ئۈزۈمنىڭ كەسىپلىشىش، بازارلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدىكى كۈلكە كۆپەيدى، ئۇلار يۈ يۈدىن ئايرىلىشقا قىيالمىدى.

«كەنت ئاھالىسىنىڭ چىن كۆڭلىدىن خۇش بولغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ خىزمەتنى قىلغىنىم بىكارغا كەتمەپتۇ، مېنىڭ تاللىشىم توغرا بوپتۇ» دېدى يۈ يۈ.

ئاتۇش شەھىرى «جۇڭگو مۇناقى ئۈزۈم يۇرتى» بولۇپ، ئازاق يېزىسىدا 20 مىڭ مودىن ئارتۇق ئۈزۈملۈك بار ئىدى. 2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قىش كېلەي دېسىمۇ، ئۈزۈم تاللىرى قىشلىق كۆمۈلمىدى، ئەگەر ئۈزۈملەرگە ئۈششۈك تەگسە، كېيىنكى يىلى قايتىدىن تىكىشكە ھەم كۆپ ۋاقىت، ھەم كۆپ مەبلەغ كېتەتتى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرايتتى. بۇلارنى ئويلاپ، يۈ يۈ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچى تىتىلداپ كەتتى. ئۇ بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تەشكىللەپ، تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇن دېھقانلارنىڭ قىشلىق كۆمۈشنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسىنى ساقلاپ قالدى. قىشلىق كۆمۈش ۋەزىپىسى تاماملانغان ئاشۇ كۈنى، يۈ يۈ كەڭ دالىغا بېرىپ، كەڭ كۆلەمدە كۆمۈلگەن ئۈزۈم تاللىرىنى كۆرۈپ، تارتقان بارلىق جاپالىرىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئازاق يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى فېڭ جىدۇڭنىڭ نەزەرىدە، يۈ يۈ بىر ئاددىي ئىش ئورنىدا ھەقىقىي باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەن كىشى بولۇپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەدىكى خىزمەتلەردە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت تەشۋىقاتى، يېزا ئىگىلىكى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ھەم كەسىپلەر تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى ئىشلىگەنىدى.

يېزىنىڭ بۇ ئىككى يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، يۈ يۈ چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئازاق يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا تۇنجى كەلگەن ۋاقتىمدا، يېقىن ئەتراپتا كىچىك دۇكانمۇ يوق ئىدى. ھازىر، تاللا بازار، كەچلىك بازار، ئاشخانىلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك كەينى - كەينىدىن پەيدا بولدى. قاقاس چۆللۈكتە، يەنە يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 120 مىليون يۈەنلىك بىر كەسىپلەر كوچىسى تەرەققىي قىلىپ، زاۋۇت ئىچىدە ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان، يۈك ماشىنىلىرى قاتناپ تۇرىدىغان، ئالدىراشلىققا تولغان قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە نامايان بولدى.

يېزىدىكى ئۆزگىرىشلەر يۈ يۈنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. «بىر ئادەمنىڭ كۈچى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، لېكىن قۇم يىغىلسا تاغ بولىدۇ، شۇنچە كۆپ كىشى تىرىشىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈۋاتىدۇ، شىنجاڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» ئۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ياشلار ئىرادىلىك بولۇپ، يىراققا نەزەر سالغاندىلا، ئاندىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتالايدۇ، ياشلىق دەۋرى رولسىز كېمىدەك لەيلەپ قالمايدۇ.