قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، روھنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش

日期:2021年09月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ قىزى، 14 ياشلىق دۇرخان لاچىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرس» مۇنبىرىگە چىقىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن چوڭ بولغاندا، ھەربىي دوختۇر بولۇپ، قونجىراپقا قايتىپ، بىرلىكتە ئائىلىمىزنى قوغدايمەن، ۋەتىنىمىزنى قوغدايمەن.» ئۇنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆزلىرىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆز چاناقلىرى ئىسسىق ياشقا تولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشتا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت پۇقرالار ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقى قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئادەم تەربىيەلەش

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، كۇڭزىنىڭ مىس ھەيكىلى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، «مۇھاكىمە ۋە بايان» قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان رەسىملەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، بالىلار ھۆسنخەت ئۆگىنىش، قورشاۋ شاھمات ئويناش، گۇجېڭ چېلىش، ئەرخۇ چېلىش، جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتىش، بەل دۇمباق چېلىش، شىر ئۇسسۇلى ئۆگىنىش، ياڭگىر مەشىق قىلىش... مول مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بالىلارنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى.

باي ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 2 - باشلانغۇچ مەكتەپتە جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كۇڭزى مەيدانى قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى جىڭجۈ تىياتىرى، ھۆسنخەت قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت - سەنئەتنى مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزدى. رازىيە ئابدۇللا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئۇ جىڭجۈ تىياتىرى «ياڭ ئائىلىسىدىكى ئايال سەركەردە»دىكى مۇ گۇييىڭنىڭ قوماندانلىق قىلىشى ناملىق بۆلەكتىن ئارىيە ئېيتىشنى ئۆگىنىپ، «جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە بىر ئايال قەھرىماننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىمۇ ئۆگەندى».

قۇربان نىياز ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇنىڭ قارىشىچە، «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىدا ناھايىتى ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان، «بۇ، بالىلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ، بالىلارنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>نى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، تۈپ جەھەتتىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى» دېدى قۇربان نىياز.

مۇسا تۇرغۇن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن چىققان تۇنجى چىڭخۇا ئوقۇغۇچىسى، شۇنداقلا ئۇ ئىلگىرى ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلىملىك زاتلار ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىشى كېرەك، چۈنكى ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. مەن تىرىشىپ ماھارەت ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن».

رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش

شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى. 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، گوۋۇيۈەن 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەر تىزىملىكى ۋە كېڭەيتىلگەن تۈرلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 14 تۈر تاللاندى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى 97 تۈرگە كۆپەيدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدىن 315ى بار بولۇپ، يەنە ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى تۇرغۇزدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. ئەتلەس، قەشقەرنىڭ ساپال بۇيۇملىرى، ئۈجمە دەرىخى قوۋزىقى قەغىزى ياساش تېخنىكىسى... بۈگۈنكى كۈندە ئىلگىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ ياشلىق باھارى جۇلالاندى.

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئېچىش ئارقىلىق، «جانلىق» ۋارىسلىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان - ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى.

«مەن شىنجاڭنىڭ دوپپىسى، كەشتىسى، پېچىنە - پىرەنىكلىرى ۋە مەززىلىك نانلىرىنى ياخشى كۆرىمەن... بۇ كۆركەم بۇيۇملار، مەززىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىكەن ئەمەسمۇ! شىنجاڭ سەپىرى ماڭا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چەكسىز موللۇقىنى ھېس قىلدۇردى!» بىر داڭلىق ساياھەت APPسىدا، شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋاڭ لىيىڭ يازغان بۇ بىر ئابزاس سۆزنى تورداشلار بەس - بەستە ئالقىشلىدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، غولى كۈچلۈك بولغاندىلا، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى ئاندىن بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ. رەڭدار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆزئارا زوقلاندۇرۇپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلاشتۇرۇپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان قىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردى.

69 ياشلىق تۇرسۇن رۇستەم قەشقەر كۇلالچىلىقىنىڭ 7 - ئەۋلاد ۋارىسى، شۇنداقلا بۇ تۈردىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋارىسى. 2020 - يىلى، بېيجىڭلىق قىز فەن يۈچيەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە ساياھەتكە كېلىپ، قەشقەرنىڭ ساپال بۇيۇملىرىنى بىر كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇننى ئۇستاز تۇتۇپ، قەشقەردە قېلىپ ئۆگەندى. يېقىندا تۇرسۇن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، فەن يۈچيەن ئالايىتەن بىر چوڭ تورت سېتىۋېلىپ تەبرىكلىدى، بوۋاي ناھايىتى تەسىرلەندى. «ئۇ نەۋرە قىزىم بىلەن ياش جەھەتتە ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز» دېدى تۇرسۇن.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تارىخنى ئىسپاتلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇستەھكەملەش

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قەشقەردىن كەلگەن شىنجاڭ داشۆنىڭ 1 - يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىسى يۈسۈپ قاسىم ئىككى ساۋاقدىشى بىلەن بىللە شىنجاڭ مۇزېيىغا كەلدى، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دەرسلىكتە سۆزلەنگەن تارىخنى ئىسپاتلىدى، شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېدى يۈسۈپ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى «جانلىق دەرسلىك». ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى كۆرۈرمەنلەر بىلەن تېزرەك يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مۇزېي قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا 92 دۆلەت مۇزېيى بار، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 450 مىڭ.

مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش داۋامىدا، غەربىي يۇرت تۇپرىقى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ يىلتىزى تۇتاش بولۇشتەك زىچ مۇناسىۋىتىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

رەقەم تېخنىكىسى مۇزېيلارنىڭ سېھرىي كۈچ كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى. 2019 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار 7 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن كۆرگۈچىنى كۈتۈۋالدى. مۇزېي پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش چوڭ دەرسخانىسى بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان جانلىق دەرسخانىغا ئايلاندى.

«ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇزېيدىن شىنجاڭ تارىخىنى ئۆگىنىشى توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇزېي ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋاڭ جىنۋېن.