​چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى

日期:2021年09月09日
来源:天山网
【字体:

قومۇل شەھىرى:

​چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى

ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يوۋشېڭ

7 - ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان، قومۇل شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشقان، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلەشكەن لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

قومۇل شەھىرى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئۆمەك باشلىقى بولغان، شەھەر باشلىقى مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھەم تۆت يۈرۈش بەنزىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە رايونلۇق، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى ئەزا قىلغان لېكسىيە ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇردى، لېكسىيە ئۆمىكى يەنە قارىمىقىدا مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى، كەسىپلەر سىستېمىسى بويىچە لېكسىيە شۆبە ئۆمىكى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە پائالىيىتىگە تۈرتكە بولدى. قومۇل شەھىرى رەھبىرىي كادىرلار، نەزەرىيە مۇتەخەسسىسلىرى، ئادەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى تەشۋىقاتچىلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەيدىغان، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئۈلگە كۆرسىتىپ سۆزلەيدىغان، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يېتەكلەپ سۆزلەيدىغان، ساھە، سىستېمىدىكىلەر نۇقتىلىق سۆزلەيدىغان، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر ھەمتۈرتكە بولىدىغان، يۈزتۇرا سۆزلەيدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

ھازىرغىچە، قومۇل شەھىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشىنى جەمئىي 294 مەيدان قېتىم قانات يايدۇردى، مەخسۇس تېمىدا كىتاب ئوقۇش كۇرسىدىن 290نى ئاچتى، 4355 مەيدان قېتىم لېكسىيەنى قانات يايدۇردى، نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلار 57 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

قومۇل شەھىرىدىكى ھەرقايسى لېكسىيە ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزالىرى كۆڭۈل قويۇپ دەرس تەييارلاپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك لېكسىيە سۆزلەش شەكلىدە «1 - ئىيۇل»دا قىلىنغان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى. قومۇل شەھىرىدىكى 1104 نەپەر ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى تۇغقانلىشىپ ئائىلىلەرگە كىرگەندە، ئېتىز قىرلىرىدا ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن بولغان، قىزغىن تىل بىلەن لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى.

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى باچياڭزى يېزىسىنىڭ باغشى ئوبا كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىققا، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى. لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى پازىلا جانابىل مۇنداق دېدى: «بىز ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇماي، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك».

قومۇل شەھىرى ئاڭلىغۇچى ئاممىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۈلگىلىك لېكسىيە تېزىسى ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيالىدىن 20نى تۈزۈپ، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى ئوقۇشلۇقىنى سىنغا ئېلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى چوڭ كاناي، مەھەللىلەردىكى كىچىك كاناي قاتارلىقلاردا تەكرار قويۇش ئارقىلىق، ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى راۋانلاشتۇردى.

ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى.

قومۇل شەھەرلىك باغ - ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىدا، 100دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان يىغىن زالى لىق تولدى، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق سىستېمىسىدىن كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر چوڭقۇر ئويلىنىش ئاساسىدا لېكسىيەنى ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ «1 - ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى چۆرىدەپ، شەرقىي تىيانشان ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تېغى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان گۈزەل قومۇل قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشىمىز.