​تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن

日期:2021年09月09日
来源:天山网
【字体:

جۇماتاي ئوۋبەكىر:

​تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

تېكەس ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بوزادىر چارۋىچىلىق رايونىدا، قاتار كەتكەن ئاق رەڭلىك ئۆيلەر ئىككى تاغ ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەر تېكەس ناھىيەسى چارۋىچىلىق بوزادىر كۆكسۇ ئارشاڭ دوختۇرخانىسى، شۇنداقلا بۇ دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇماتاي ئوۋبەكىر 28 يىل خىزمەت قىلغان، ھېلىھەم چىڭ ساقلاۋاتقان جاي.

«كەتكىلى بولمايدۇ ئەمەس، مېنىڭ كەتكۈم يوق. چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئامما ماڭا موھتاج» دېدى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇماتاي مۇخبىرغا. بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن جۇماتاي يىل بويى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايوندا خىزمەت قىلغاچقا، تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەنىدى.

«دادام يېزا دوختۇرى ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ماڭا يېزىدا دوختۇرنىڭ ناھايىتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ يېزا دوختۇرى بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى» دېدى جۇماتاي. جۇماتاي 1992 - يىلى غۇلجا تېببىي مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بوزادىر چارۋىچىلىق رايونىغا تەقسىم قىلىندى. تىزىمغا ئالدۇرغان شۇ كۈنى، دادىسى موتوسىكلىت مىنىپ ئۇنى چارۋىچىلىق رايونىغا ئۆزى ئاپىرىپ قويدى.

بوزادىر چارۋىچىلىق رايونىدا داۋان ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، تاغ جىلغىلىرى كىرىشىپ كەتكەن، يول يۈرۈش ئىنتايىن خەتەرلىك، نۇرغۇن جاينىڭ يول يۈزى ئاران 80 - 70 سانتىمېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، ئاران بىر ئات ياكى ئىككى قوي قاتارلىشىپ ئۆتەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چارۋىچىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان، قىشتا بىر قېتىم سەييارە كېسەل كۆرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 20 نەچچە كۈن ئاتلىق مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر قېلىن قار ياغسا بىر ئايدىن كۆپرەك مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەينى چاغدا چارۋىچىلىق رايونى دوختۇرخانىسىنىڭ شارائىتى جاپالىق بولۇپ، پەقەت ئىككى ئېغىز كونا ياغاچ ئۆيلا بار ئىدى، سۇ، توك يوق، شۇنداقلا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىمۇ يوق ئىدى. جۇماتاينىڭ قىيىنچىلىقتىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىدەك كەيپىياتىغا قارىتا دادىسى مۇنداق دېدى: تايچاق چوڭ بولدى، قېرى ئاتنىڭ دەم ئالىدىغان ۋاقتى بولدى، سەن ياخشى ئىشلەپ، لاياقەتلىك دوختۇر بول. بۇ مەن بىر ئۆمۈر ئىشلەتكەن دورا ساندۇقى، مېنىڭ كۆز قارىچۇقۇم، ساڭا ئىزچىل قاراپ تۇرىمەن.

بۇ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى جۇماتاي بىر ئالغىنىچە 28 يىلنى ئۆتكۈزدى، بولۇپمۇ ئالدىنقى 20 يىلدا ئۇ چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك زىممىسىگە ئالدى. ئۇ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بوزادىر چارۋىچىلىق رايونىنى پىششىق ئىگىلەپ، بىر پارچە خەرىتە سىزىپ چىقتى، خەرىتىدە ھەربىر چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ئورنى بەلگە قىلىنغانىدى.

«كېيىن دادام ۋاپات بولدى، مەنمۇ چارۋىچىلىق رايونىدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. دادام ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ۋەدە ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدىگە ئايلاندى، چارۋىچىلارغا قۇربىم يېتىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ بېرىشنى ئويلىدىم» دېدى جۇماتاي.

جۇماتاينىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى تېكەس ناھىيەسىنىڭ چولاقتېرەك بازىرىدا تۇرىدۇ، ئەمما جۇماتاي ھەر يىلى چارۋىچىلىق رايونىدا 300 كۈندىن ئارتۇق سەييارە كېسەل كۆرىدۇ. جۇماتاي بەزىدە مۇساپىنى قىسقارتىپ، قىممەتلىك قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، مۇساپىسى ئۇزۇن، ئەمما نىسبەتەن بىخەتەر يول لىنىيەسىنى تاشلاپ، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى داۋاندىن ئۆتۈشنى تاللايتتى. جۇماتاي ھەر قېتىم سەييارە كېسەل كۆرگەندە 40 كىلوگىرامدىن ئارتۇق دورا، 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالىنى ئېلىۋالاتتى ھەم پۇلى بولسۇن - بولمىسۇن ئالدى بىلەن كېسەلنى داۋالاش پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

جۇماتاي ئاغرىقلارغا خۇددى ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. يېقىندا، 42 ياشلىق چارۋىچى بېكتۇرسۇن ئايتباينىڭ رېماتىزم كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە، جۇماتاي دەرھال تېكەس ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ۋاقتىدا كونترول قىلىنىشىغا ياردەم بەردى. «ئۆيۈم بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇماتاي دوختۇر مېنىڭ داۋالىنىشىمغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىشىك ئالدىمغىچە كېلىپ مېنى داۋالىدى» دېدى بېكتۇرسۇن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىنىڭ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، سۇ يەتكۈزۈلدى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسى سەپلەندى، يەنە نۇرغۇن يېڭى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قوشۇلدى، نۆۋەتتە، دوختۇر - سېسترالار كۆپىيىپ 18 گە يەتتى. «ھازىر دوختۇرخانىدا 100 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق دىياگنوز قويۇش ئۆيى، 100 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق جۇڭيىچە داۋالاش ئۆيى، ئون نەچچە ئېغىز كېسەلخانا بار، چارۋىچىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش تېخىمۇ قولايلاشتى» دېدى جۇماتاي.

دوختۇرخانىنىڭ ئىسمى يېقىن ئەتراپتىكى كۆكسۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئارشاڭدىن كەلگەن، ھازىر بۇ يەردە كېسەلخانا بۆلۈمى قۇرۇلماقچى. جۇماتاي مۇنداق دېدى: بۇ ئارشاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن 42 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، بەزى كېسەللەرنى داۋالاشقا ناھايىتى پايدىلىق. كېسەلخانا بۆلۈمى پۈتكەندىن كېيىن، بىز ئۇۋۇلاش، سىيرىپ داۋالاش، لوڭقا قويۇش، ئەمەن بىلەن داغلاش قاتارلىق جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلارنى تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز».

جۇماتاينىڭ بىر ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئىزىنى بېسىپ تاغ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان، قېپقالالايدىغان داۋالاش قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش. «جۇماتاي ئاكام ھەريىلى سىرتقا چىقىپ جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىسى ئۆگىنىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىنى دوختۇرخانىمىزدىكى دوختۇرلارغا ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئالغا بېسىپ، چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى تېكەس ناھىيەسى چارۋىچىلىق بوزادىر كۆكسۇ ئارشاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ئېرشات ئالبانباي.

«ھازىر يېشىم چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن» دېدى جۇماتاي.