ئەخلاق كۈچى ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلىش

日期:2021年08月23日
来源:天山网
【字体:

□ خوۋ خۇي

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەر خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، قانۇنىي ئىگە ۋېيبولىرىدا تېز سۈرئەتتە كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى. ئېغىر مۇسكۇل ئاجىزلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خوتەنلىك قىز سانسىزلىغان كىشىنىڭ كۆز يېشى قىلىشىغا سەۋەب بولدى، شۇنداقلا سانسىزلىغان كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. مياۋ يەنيەن ئىسىملىك 28 ياشلىق بۇ قىز توپلانغان پۇلغا كېسىلىنى داۋالىتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ياخشى نىيەتلىك 3565 كىشىنىڭ ئىئانە قىلغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ھېكايىسى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەخلاق كۈچى ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلدى.

مياۋ يەنيەنگە 16 ياش ۋاقتىدا ئېغىر مۇسكۇل ئاجىزلىشىش كېسىلى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ھەم تەدرىجىي ھالدا سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. بۇ يىللاردا بەش قېتىم كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قالغان، ئۇ تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن ئاغرىنماي، بىر تەرەپتىن كېسەل بىلەن تىركىشىپ، بىر تەرەپتىن ئۈن - تىنسىز ھالدا تۇرمۇشنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى. 20 يېشىدىن باشلاپ، ئۇ تور دۇكىنى ئېچىپ شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى ھەم بارلىق گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىزلارغا ئوخشاش دوستلار چەمبىرىكىگە كونا ئۇسلۇبتىكى گۈزەل سۈرەتلىرىنى چىقاردى. قانىتى سۇنغان تەقدىردىمۇ، قەلب يەنىلا پەرۋاز قىلىشى كېرەك! كىشىلىك ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا، مياۋ يەنيەننىڭ ئۈمىدۋارلىقى، قەيسەرلىكى كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا، قايىللىقىغا ئېرىشتى.

قارىماققا مياۋ يەنيەن ھاياتىدا يېتەرلىك رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ھېكايىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تەشەببۇس قىلغان پۇل توپلاشتىن باشلانغان. 2019 - يىلى، كېسىلىنى داۋالىتىش سەپىرىدە مياۋ يەنيەننىڭ تۇيۇقسىز نەپەس ئېلىشى ئاجىزلىشىپ قالدى، بىر قېتىملىق توپلانغان پۇل ئۇنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. شۇ چاغدا كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان مياۋ يەنيەن «بۇ پۇلنى چوقۇم قايتۇرىمەن» دېدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مياۋ يەنيەن كېسەل ھالەتتە تۇرۇپ تاپقان 120 مىڭ يۈەننى ئۆزى ئۈچۈن پۇل توپلىغان 3565 ياخشى نىيەتلىك كىشىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە باشلىدى. قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتمىدى، مىياۋ يەنيەن ئادەتتىن تاشقىرى قەيسەرلىكى بىلەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر خىل كەسكىن ئۇسۇل بىلەن قەلبىدىكى چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىشنى بىلىپ داۋلىنى چۈشىنىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، ۋەدىنى ئالتۇندىن قىممەت بىلىش، ياخشىلىقنى بىلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، بۇ ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ ھەربىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، ھالبۇكى، بۇلار شۇنچە رەتلىك ھالدا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولغاندا، ئاجىز جىسمى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان كۈچنى ئۇرغۇتتى، بۇ روھنىڭ كۈچى، ئەخلاقنىڭ كۈچى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىشى، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشىغا سەۋەب بولدى، شۇنداقلا يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ چېنىپ قېلىشى، يۈزى قىزىرىپ، خىجىل بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

گەپنى يوشۇرۇش ھاجەتسىز، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا ئىئانە قىلىنغان بەزى «مېھىر - شەپقەت» پۇلى «كۆڭۈلنى سوۋۇتىدىغان»پۇلغا ئايلىنىپ قالدى، ئايرىم كىشىلەر باشقىلارنىڭ مېھىر - شەپقەت پۇلىنى خاتىرجەم ھالدا بەتخەجلىك قىلىپ خەجلەيدىغان ياكى مېھىر - شەپقەت ئىئانە پۇلى قالدۇقىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى ماجىرا پەيدا قىلىدىغان، ھەتتا «ئالدامچىلىق قىلىپ ئىئانە توپلاش» «ئىئانىنى قاقتى - سوقتى قىلىش» ۋەقەلىرىمۇ پات - پات يۈزبېرىپ تۇرىدىغان بولدى.

ۋىجدان بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىشتا، بىز ئۆز - ئۆزىمىزگە: قانچىلىك ئادەم ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئاجىزلىقنى يېڭەلەيدۇ؟ دەپ سوئال قويىشىمىز كېرەك. قايتۇرۇش ھاجەتسىز بولغان 120 مىڭ يۈەن ئالدىدا، مياۋ يەنيەن ئۈن - تىنسىز قايتۇرۇشنى تاللىدى.

ئالىيجاناب ئەخلاق ئىنسان تەبىئىتى گۈزەللىكىنىڭ ئەڭ قويۇق ئاساسىي رېڭى. مياۋ يەنيەننىڭ ھەرىكىتى كامالەتكە يەتكەن ئەخلاق مەنزىلىنى شەرھلەپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ شانلىق نۇرىنى چاقناتتى، شۇڭا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن تورداش كوللېكتىپ ئالقىشلىدى، ئاندىن كىشىلەر ئۆزى ئۈستىدە روھىي سۈرۈشتۈرۈش قىلدى.

مياۋ يەنيەننىڭ ھېكايىسى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، ئەخلاقنىڭ جاسارىتى، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ نۇرى باشتىن - ئاخىر كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان كۈچكە ئىگە. بىزنىڭ ئۈمىد كۈتۈشكە شۇنداق ئاساسىمىز باركى، بىر جانلىق ئۈلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنداق ھېكايىلەر تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەخلاق نۇرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ!