جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، باشقىلارنى شېرىن تەمدىن بەھرىلەندۈرىمەن

日期:2021年08月23日
来源:天山网
【字体:

ۋۇ مىڭجۇ:

جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، باشقىلارنى شېرىن تەمدىن بەھرىلەندۈرىمەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ

«قوغۇن ـ تاۋۇزلارنىڭ شۇنچە شېرىن بولۇشىدىكى سەۋەب، باشقىلارنىڭ بىز ئۈچۈن جاپا تارتقانلىقىدىندۇر.»

«پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قۇربان بېرىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.»

...

يېقىندا، گېزىتىمىزدە «ۋۇ مىڭجۇ: قوغۇننىڭ شېرىن تەمىنى خەلققە تەقدىم قىلىمەن» دېگەن خەۋەر ئېلان قىلىندى، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتتى، كۆچۈرۈپ ئېلان قىلدى، بىر مەھەل# جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەركىن ـ ئازادە قوغۇن ـ تاۋۇز يېيەلىشى بۇ مومايدىن ئايرىلالمايدۇ# بۇ تېما قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، تېمىنى ئوقۇش مىقدارى 730 مىليون قېتىمغا يەتتى، تورداشلار ۋۇ مىڭجۇغا بەس ـ بەستە سۆز قالدۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

بارغانسېرى كۆپ كىشى شىنجاڭنىڭ قوغۇن ـ تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى باشلىغان بۇ جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكىنى تونۇغاندا، بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن ۋۇ مىڭجۇ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاچقا، كىشلەرنى تونۇيالمايدىغان بولۇپ قالغان، ئەمما قوغۇن ـ تاۋۇزغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىرى يەنىلا بار بولۇپ، بەزىدە ئۇ تۇيۇقسىز سىرتقا چىقىپ، قوغۇن ـ تاۋۇزنى چاڭلاشتۇرۇش توغرىسىدا غودۇڭشىيتتى.

«ئانام ئاشۇ دەۋردىكى ۋەتەن ئۈچۈن ئۆكۈنمەي بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلىغان شىنجاڭغا بارغان ياشلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.» 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ۋۇ مىڭجۇنىڭ ئوغلى ياڭ شيا مۇنداق دېدى: «ناۋادا ئۇ ئۆزىنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشتەك توغراق روھىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلسە، چوقۇم ناھايىتى مەمنۇن بولغان بولاتتى».

ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان چېگرا رايونغا بېرىش

1930 ـ يىلى ۋۇ مىڭجۇ خۇبېي ۋۇخەندە تۇغۇلغان، دۆلەتنىڭ تەقدىرى مۈشكۈلات ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە چوڭ بولغان ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىگە كەلگەن. 1950 ـ يىلى، ۋۇ مىڭجۇ شىنەن يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن.

كىچىككىنە تەجرىبە ئېتىزىدا ئۇرۇق سېلىش، گەندە توشۇش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى ۋۇ مىڭجۇنى باش ئەگدۈرەلمىگەن. ئۇ «مېنىڭ ئىنتىلىشىم» دېگەن ماقالىسىدە ئەسلەپ مۇنداق يازغان: ئوقۇتقۇچىلار بىزگە بىلىم بېرىپلا قالماي، يەنە ئەجرى بىلەن بىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش روھىمىزنى يېتىشتۈردى. مەن 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە كۈندىلىك خاتىرەمگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق يازغانىدىم: «كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش سىز ياراتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالىغانلىقىدا».

1953 ـ يىلى، تەقسىمات ئارزۇ جەدۋىلىنى تولدۇرغاندا، ۋۇ مىڭجۇ ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان چېگرا رايونغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى يازغان. لېكىن ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن، 1954 ـ يىلى ئۇ مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى بۆلۈمىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان.

1955 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، تۈرلۈك كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. ۋۇ مىڭجۇ رەھبەرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئاخىر شىنجاڭغا كەلگەن، شۇ يىلى ئۇ 25 ياشتا ئىدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ شارائىتى جاپالىق بولغان پىچان ناھىيەسىگە باشچىلاپ چۆكۈپ كەتكەن.

62 يىلدا 30دىن ئارتۇق سورت يېتىشتۈرۈش

ۋۇ مىڭجۇ تۇرپاندا نان يېيىشكە، قوي گۆشى يېيىشكە ئادەتلەنگەن، يەنە ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالغان، قانداقلا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسا قىلالايدىغان بولغان. لېكىن دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشتە بۇلارغىلا تايىنىش يېتەرلىك ئەمەس.

شۇ جايدىكى دېھقانلار ئەل ئىچىدىكى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ۋۇ مىڭجۇ دەۋاتقان زامانىۋى پەن ـ تېخنىكىلىق قوغۇن ـ تاۋۇز تېرىش تېخنىكىسىغا بولغان قارىشى تازا ياخشى بولمىغان.

مۇسا بوۋاي شۇ جايدىكى داڭلىق قوغۇن ـ تاۋۇز تېرىش ئۇستىسى ئىدى، ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ۋۇ مىڭجۇ مۇسا بوۋاينىڭ يېرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ مو بوز يەر ئېچىپ قوغۇن تېرىغان. كۈز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ۋۇ مىڭجۇ تېرىغان قوغۇن ھەم چوڭ، ھەم تاتلىق بولۇپ پىشتى، قوغۇن كۆرگىلى كەلگەن يۇرتداشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن دەسسىلىپ بىر چىغىر يول پەيدا بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يۇرتداشلار ۋۇ مىڭجۇغا يېڭىچە نەزەردە قارايدىغان بولغان.

1958 ـ يىلىدىن باشلاپ، ۋۇ مىڭجۇ سۇ ۋە نان ئېلىپ، قۇم ـ بوران، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، تۇرپاندىكى 300دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنى ئايلىنىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ قوغۇن ـ تاۋۇزى ئۈچۈن تۇنجى بايلىق ئارخىپى تۇرغۇزغان.

1962 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ۋۇ مىڭجۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، تۇرپاندا شۇ جايدىكى بارلىق قوغۇن سورتىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن سىستېمىلىق ھالدا خۇڭشىنسۈي، شياڭلىخۇاڭ، شياۋچىڭپى قاتارلىق سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە خۇڭشىنسۈينىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولۇپ، شياڭگاڭ بازارلىرىدا 30 يىل ياخشى سېتىلغان.

1973 ـ يىلى تاللاپ يېتىشتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ۋۇ مىڭجۇ خەينەنگە بېرىپ «جەنۇبتا كۆپەيتىش شىمالدا يېتىشتۈرۈش» بازىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇ خۇددى پەسىل قۇشىغا ئوخشاش، كۈز ۋە قىشتا خەينەنگە بېرىپ، ئەتىياز ۋە يازدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئۇزاق يىل سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.

20 ـ ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇ يېتىشتۈرگەن قوغۇن ـ تاۋۇز سورتلىرى ھەمدە مۇشۇ سورتلار ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن «ئەۋلاد»لىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى شىنجاڭدىكى تاۋار قوغۇن ـ تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ %80ىنى قاپلىغان.

ئۇ 62 يىلدا 30دىن ئارتۇق قوغۇن ـ تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈردى. 2017 ـ يىلىغا كەلگەندە، 87 ياشقا كىرگەن ۋۇ مىڭجۇ كۆزى قىيمىغان ھالدا خىزمىتىدىن بوشىدى.

ۋەتەن ئۈچۈن ئۆكۈنمەي بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلاش

«ئانام بىلەن دادامنىڭ ئارزۇ ـ ئىستەكلىرى بىردەك ئىدى، ھېسسىياتى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى.» ياڭ شيا مۇنداق دېدى: دادام ياڭ چىيوۋ ئانام ۋۇ مىڭجۇنىڭ داشۆدىكى ساۋاقدىشى بولۇپ، ئانام شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغاندا، داداممۇ بېيجىڭدا قالىدىغان خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئانام بىلەن بىرلىكتە چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغان.

1958 ـ يىلى باھار بايرىمىدا، ياڭ چىيوۋ پىچان ناھىيەسىگە كېلىپ ۋۇ مىڭجۇ بىلەن توي قىلغان. ۋۇ مىڭجۇ خىزمەتداشلىرىدىن بىر ئېغىز ئۆي ئارىيەت ئالغان، توي مۇراسىمى تەييارلىقى ئۈچۈن ئىككىيلەن پەقەت 50 يۈەن خەجلەپ توي كەمپۈتىلا سېتىۋالغان.

خىزمەتدىشى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ناھىيە بازىرىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ: «ۋۇ مىڭجۇ بۈگۈن كەچتە توي قىلىدۇ، سىلەرنى توي كەمپۈتى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، تېز بېرىڭلار، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە...» دەپ توۋلىغان.

ئاددىي ھەم قىزغىن توي مۇراسىمى يېرىم كېچىگىچە داۋاملاشقان، ئۈچ كۈندىن كېيىن، ۋۇ مىڭجۇ يەنە يېزىغا چۈشۈپ كەتكەن.

ياڭ شيانىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئانىسىنىڭ پۈتۈن ئەس ـ يادى قوغۇن ـ تاۋۇز تېرىش، سورت يېتىشتۈرۈشتە ئىدى. ئۇنىڭ ئىنتىلىشى مۇنداق ئىدى: «مېنىڭ كىشىلىك ھاياتىم دەل بىرنەچچە قوغۇن ـ تاۋۇز بولۇپ چۈشۈپ، قوغۇن ـ تاۋۇزنىڭ شېرىن تەمىنى خەلققە تەقدىم قىلىش» بۇمۇ دادامنىڭ ئۇنى قوللىشىدىكى سەۋەب بولۇپ قالدى، بۇ ئىنتىلىش ئۈچۈن ئۇلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىق، قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. ئەپسۇس، ياڭ چىيوۋ 57 يېشىدا ئاشقازان راكى سەۋەبىدىن بالدۇرلا ۋۇ مىڭجۇدىن ئايرىلدى.

ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھمۇ ياڭ شياغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. يېقىندا، شىنەن داشۆسىدىن پېنسىيەگە چىققان ياڭ شيا مەكتەپنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تارىم داشۆسىگە مائارىپنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئاتلىنىشقا ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ ئۇنى ھاياجانغا سالدى. «ئەگەر ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانسا، مەنمۇ چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىمەن» دېدى ياڭ شيا.

ۋۇ مىڭجۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ۋەتەن ئۈچۈن ئۆكۈنمەي بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلاش شۇ دەۋردىكى شىنجاڭغا بارغان ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە ئورتاق روھى. ئۇنى مەمنۇن قىلغىنى، بۇ خىل روھنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھېلىھەم داۋاملىق تارقىلىۋاتقانلىقىدۇر.