«ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى مېنىڭ تاللىشىم»

日期:2021年08月23日
来源:天山网
【字体:

− مۇنەۋۋەر گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى چېڭ شوۋدېنى زىيارەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

«بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر پارتىيە نېمە قىلىشنى بۇيرۇسا شۇنى قىلىمىز، ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى مېنىڭ تاللىشىم.» 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق شىمالىي يولى شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى گېئولوگىيە كان مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ 87 ياشلىق پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى چېڭ شوۋدې بىر جۈملە ئاددىي سۆز بىلەن شۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېيتتى.

غەربىي جەنۇبتا تۇغۇلغان، شەرقىي شىمالدا ئوقۇغان چېڭ شوۋدې شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە سېپىگە 63 يىل ئۆزىنى بېغىشلاپ، 84 ياشقا كىرگەندىلا ئاندىن خىزمەت ئورنى بىلەن خوشلاشتى.

كىتاب ئىشكاپىدىكى رەتلىك تىزىلغان قاتار - قاتار شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى ۋە مېداللار چېڭ شوۋدېنىڭ شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە ئىشلىرىغا بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلىغان شان - شەرىپىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

ھەر ۋاقىت تەييارمەن، ۋەتەن تاللىسۇن

«ئوقۇتقۇچۇم دۆلەت ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا، گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرىغا موھتاج بولىدۇ، دېگەنىدى.» چۇڭچىڭدىكى چىڭخۇا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چېڭ شوۋدې 1952 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، قەتئىيلىك بىلەن يېڭىلا تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان شەرقىي شىمال گېئولوگىيە شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ، گېئولوگىيە بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە ئورناتتى.

دۆلەت يېتىشتۈرگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تېزرەك ئاتلىنىشى ئۈچۈن، گېئولوگىيە شۆيۈەنى ئەسلىدىكى تۆت يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىنى ئىككى يىلغا قىسقارتتى.

1954 - يىلى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش پىراكتىكىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان چېڭ شوۋدې ئارزۇ بويىچە تەقسىملەش جەدۋەل كاتەكچىسىگە قەتئىيلىك بىلەن «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بارىمەن» دەپ يازدى.

1955 - يىلى، ئۇ ئەسلىدىكى گېئولوگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو - سوۋېت ھەمكارلىقىدىكى 13 - چوڭ ئەترىتىگە تەقسىملىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەگىشىپ رايون گېئولوگىيەسىنى تەكشۈرۈشنى ئۆگىنىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك گېئولوگىيەنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

ئۇ چاغدىكى شىنجاڭ گېئولوگىيە جەھەتتە ئاق قالغان رايون ئىدى. شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق ئەھۋالىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلاش ئۈچۈن، چېڭ شوۋدې سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەگىشىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغىچە، كوئېنلۇن تېغىدىن لوپنۇرغىچە، شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى تولۇق ئايلىنىپ چىقتى.

1957 - يىلى، چېڭ شوۋدې رايون گېئولوگىيەسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىدى.

ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ مەيلى، ۋەتەن ماڭا ئېھتىياجلىق

«بىر قېتىم لوپنۇرغا بېرىپلا، مەن سىرتقا چارلاشقا چىقىپ كەتتىم، نەتىجىدە ئېزىپ قالدىم. قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئاپتوموبىلدا بېنزىن قالمىدى، مەن تېخىچە قونالغۇنى تاپالمىغانىدىم.» 60 يىل ئىلگىرىكى لوپنۇردىكى خەتەرگە يولۇقۇش خاتىرىسىنى سۆزلىگەندە، چېڭ شوۋدېنىڭ ئىنتوناتسىيەسى خۇددى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئاددىي بىر ئىشنى سۆزلەۋاتقاندەكلا ئېغىر - بېسىق چىقىۋاتاتتى.

«ئادەتتە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان ئىشنى مەن ئەڭ كۆپ قىلغان، چۈنكى مەن چوڭ ئەترەت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، يەنە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش كىچىك ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىدىم.» چېڭ شوۋدې مۇنداق دېدى: «مەن جەزمەن ئالدىغا ئۆتۈشۈم كېرەك».

تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، يىلپىز بىلەن تار يولدا ئۇچرىشىش؛ بەيتىك تېغىدا، قالدۇق باندىتلار بىلەن قوراللىق تىركىشىش؛ كوئېنلۇن تېغىدا، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا ئاتتىن سەكرەپ ئامان قىلىش... ئۇ ھەر قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلغىنىدا شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە جەھەتتە ئاق قالغان رايونىنىڭ كۆلىمى تارايغان بولاتتى.

«رايون گېئولوگىيەسىنى تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن جاپالىق، لېكىن يولۇققان قىيىنچىلىقنى يەڭگىنىمدە، ئەڭ خۇشال بولىمەن.» پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە بېرىلگەن چېڭ شوۋدې ھەر يىلى 3 -، 4 - ئايدا ئەترەتتىن چىقىپ، 11 - ئايدا قايتىدىغان سەرسانلىققا پەرۋا قىلمايتتى، ھەر كۈنى تۈز سىزىق بويىچە ھېسابلىغاندا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان تاغقا يامىشىش، دەريادىن ئۆتۈشنىڭ مۇشەققىتى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتى، ئەۋرىشكە رۇدا تاشلارنى دۈمبىسىدە يۈدۈپ، مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، ئاتقا ئارتىپ ئەكەلگەن چاغدىكى ھېرىش - چارچاشقا پىسەنت قىلمايتتى، كۈندۈزدە توختىماي يول يۈرۈپ، كېچىدە چىراغ تۈۋىدە خەرىتە ئۇلىغاندىكى جاپانى ئۇنتۇپ قالاتتى...

1963 - يىلى، چېڭ شوۋدېنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە شىنجاڭنىڭ بىرىنچى گېئولوگىيە خەرىتىسى (1:200000) نەشر قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىل ۋاقىتتا، شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ سابىق باش ئىنژېنېرى خۇ بىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە خەرىتىسى (1:1000000)، كان مەھسۇلاتلىرى خەرىتىسى (1:2000000) ھەمدە گېئوتېكتونىكا خەرىتىسى (1:2500000) نەشر قىلىندى. 1965 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە جەھەتتە ئاق قالغان رايون بولۇش «قالپىقى» ئېلىپ تاشلاندى، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى قەدەممۇقەدەم ئېچىلدى.

تاللىغان ئىكەنمەن، بىر ئۆمۈر ئىشلەيمەن

ياغاچ ساپلىق بولقا، سولياۋ ساپلىق بولقا، تۆمۈردىن قۇيۇلغان بولقا، چېڭ شوۋدېنىڭ ئۆيىدە ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئىشلەتكەن ئۈچ بولقا ئۇ ئېرىشكەن بارلىق شان - شەرەپلەرگە ئوخشاش ناھايىتى ياخشى ساقلاپ قويۇلغانىدى.

بۇ بۇيۇملار چېڭ شوۋدېنىڭ 63 يىللىق گېئولوگىيە بىلەن شۇغۇللىنىش ھاياتىغا گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا گۇۋاھ بولدى.

1978 - يىلى، چېڭ شوۋدې شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسى گېئولوگىيە كان مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىغا يۆتكىلىپ كەلدى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ بۆلەكلەر تۈزۈلمىسى قارىشىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشىنى قايتىدىن چۈشەندۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچكى ھاسىلىي كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ كان بولۇپ شەكىللىنىش قانۇنىيىتى ۋە مۆلچەر خەرىتىسى توغرىسىدىكى ئىزاھات» قاتارلىقلارنى مەسئۇل بولۇپ تۈزۈپ چىقتى.

«بىر قېتىم، بىز ئاقسۇ كەلپىندە رايون گېئولوگىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقاندا، ئوردوۋىك دەۋرىدىكى ھاك تاش يېرىقىدىن ئاسفالت بايقىدۇق. بۇ، يەر ئاستىدا نېفىت بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.» 1980 - يىلى، بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇ دادىللىق بىلەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىدىكى دەسلەپكى پالېئوزوي ئېراسىغا تەۋە كاربوناتلىق تاغ جىنىسلىرىنىڭ تەركىبىدە نېفىت بار، بۇ جايدىن چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقنىڭ تېپىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور.

1984 - يىلى، تارىم ئويمانلىقى شاسەن 2 - قۇدۇقىدىن كۈچلۈك نېفىت - تەبىئىي گاز ئېقىمى ئېتىلىپ چىقتى. دېڭىز فاتسىيەسى يەر قاتلىمىدىنمۇ نېفىت ھاسىل بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەزەرىيە تەتقىقاتى رېئاللىقتا دەلىللەندى.

2000 - يىلى، 65 ياشلىق چېڭ شوۋدې پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىردى، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان گېئولوگىيە ئىشلىرىدىن ئايرىلمىدى. «مىڭبىر جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئېرىشكەن تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ماتېرىياللارنىڭ نۇرغۇنىنى تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەنىدىم» دېدى ئۇ.

«بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنمەن، دۆلەت شۇنچە يىل يېتىشتۈرگەن ئىكەن، دېمەك بىر ئۆمۈر ئىشلىشىم كېرەك.» داشۆ پۈتكۈزگەندىن تارتىپ، 2018 - يىلى قولىدىكى خىزمەتنى ھەقىقىي توختاتقانغا قەدەر، چېڭ شوۋدې گېئولوگىيە كەسپىدىن ئايرىلىپ باقمىدى.

ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە قاتنىشىپ تاماملىغان تەتقىقات تۈرلىرى ئىچىدە 13 تۈر دۆلەت ۋە ئۆلكە - مىنىستىر دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بەش تۈر خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالاندى.