​«بىر ئۆمۈر بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن»

日期:2021年08月20日
来源:天山网
【字体:

ما جۈنۋۇ:​

«بىر ئۆمۈر بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

باش كۈزدىكى 185 - تۇەن قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. يىراقتىن نەزەر سالغاندا، جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىدىكى «بىر ئۆمۈر بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن قوغدىغۇچى بولىمەن» دېگەن بىرقانچە چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سەھەردە، ما جۈنۋۇ بىلەن خوتۇنى جاڭ جېڭمېي ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا، چارلاش تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇلار ئەر - خوتۇن ئىككىسى ھەر كۈنى ئوخشاش بىر خىزمەت − چېگرا چارلاش، سۇنى قوغداش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىشنى تەكرارلاپ كەلدى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىڭ 185 - تۇەنى «غەربىي شىمال چېگرادىكى 1 - تۇەن» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ما جۈنۋۇ ئەر - خوتۇن تۇرۇشلۇق جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسى (ساندىك قاراۋۇلخانىسى)نى كىشىلەر يېقىملىق قىلىپ «ئەر - خوتۇن قاراۋۇلخانىسى» دەپ ئاتايدۇ.

ما جۈنۋۇ، مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن 2 - ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى. 1988 - يىلى، ئۇ دادىسىدىن چېگرا قوغدىغۇچىلىق خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چېگرا دەرياسى بويىدا كۆزىتىش مۇنارىنى ساقلاپ، تا بۈگۈنگىچە چېگرانى چارلاپ، چېگرانى قوغداپ كەلدى.

ئالقابېك دەرياسى، بۇ ئەگرى - بۈگرى چېگرا دەرياسى تەبىئىي دۆلەت چېگرا لىنىيەسى ئىدى. 1988 - يىلى ئەتىيازدا، قار ئېرىپ كەلكۈن كېلىپ، دەريا قىرغىقىنىڭ ساندېكتىكى بۆلىكىنى يار ئېلىپ كەتتى. خەلقئارا ئادەت بويىچە، ئەگەر دەريا يولى ئۆزگەرسە، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى قوشنا دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇمكىنىدى. 16 كېچە - كۈندۈز جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بىڭتۇەنلىكلەر ئاخىرى يار ئېغىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەتتى، دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ بىر سۇڭ يېرىمۇ قولدىن كەتمىدى.

«يار ئېغىزىنى توسۇپ قالغانلىق دۆلەت زېمىنىنى ساقلاپ قالغانلىق. ئەينى چاغدا ئىككىلىنىشكە بولمايتتى، لۇڭكوۋنى ساقلاپ قېلىش كېرەك ئىدى.» شۇ يىلى، ما جۈنۋۇ 19 ياشتا بولۇپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشقا قاتنىشىپ بولۇپلا ئائىلىسىنى ساندېك لۇڭكوۋغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت ھەر يىلى ئەتىيازدا يار ئېلىپ كېتىش خەۋپى بار بۇ دەريا ئېقىنىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىدى.

شۇ تەرىقىدە 33 يىل ساقلىدى.

«قاراڭ، ئالدىمىزدا چېگرا دەرياسى، ئارقىمىزدا ۋەتەن بار، بىز بۇ جاينى جەزمەن قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.» چېگرا دەرياسى بويىدا تۇرۇپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىدە، ما جۈنۋۇنىڭ چىرايىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى: «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ تاللىشىدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم» دېدى ما جۈنۋۇ.

2 - ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك بولۇش سۈپىتىدە، ئاتىلىرىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلىشى ئارقىلىق، ما جۈنۋۇ بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ چېگرانى قوغداش، ۋەتەننى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى.

جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، زېمىننى قوغداش خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، «بىڭتۇەن روھى» بۆلىكى كىشىلەرنىڭ خىيالىنى ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا ئېلىپ بارىدۇ. كۆرگەزمە تاختىسىدا، بىڭتۇەن جەڭچىلىرىنىڭ جوتۇ چېپىپ، چۆل - باياۋاندا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

«ئەينى يىلى ئاتىلىرىمىز بۇ يەرگە كېلىپ، چۆل - جەزىرىدە، قۇملۇق گىرۋىكىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن، ئۆستەڭ چېپىپ، سۇ ئامبىرى ياساپ، بوز يەر ئېچىپ، مۇنبەت ئېتىز بەرپا قىلغان.» ما جۈنۋۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەر يەردىن كەلگەن 1 - تۈركۈمدىكى بىڭتۇەنلىكلەر بۇ چۆللۈككە ئەمدىلا كەلگەن چاغدا، بۇ يەردە بىرمۇ «كۆزگە چېلىققۇدەك» ئىمارەت يوق ئىدى.

ئۇلار تۇرۇۋاتقان جاي دۇنيا بويىچە تۆت چوڭ پاشىلىقنىڭ بىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ياز پەسلى كەلگەندە، غالجىرلاشقان پاشىلار ھايۋانلارنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپمۇ قوياتتى؛ قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا دائىم نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، بىر كېچىدىلا تىزدىن ئاشقىدەك قېلىنلىقتا قار يېغىپ كېتەتتى.

مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتا، بىڭتۇەنلىكلەر ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، قۇملۇقنى يېشىللىققا پۈركەپ، قاقاسلىقنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇردى.

ما جۈنۋۇ مۇنداق دېدى: ئاتىلىرىمىزنىڭ بۇ يەردە ئۆزىنى بېغىشلاش، كۈرەش قىلىش روھى مېنى ئىزچىل ئىلھاملاندۇردى، بۇ ھەم مېنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب. «مەن بۇ يەردە مەڭگۈ قالىمەن، بۇ خىل ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىمەن».

185 - تۇەن 1 - ليەننىڭ ئۆيى ئالدىدىكى تاش ئابىدىگە مۇنداق بىر ئابزاس سۆز ئويۇلغان: «ئۈزۈلمەس دۆلەت زېمىنى رىشتى، قىيىنچىلىق قورقۇتالماس بىڭتۇەنلىكلەر، بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان چېگرا مۇداپىئە سېپى، يىمىرىلمەس ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھى.» بۇ، بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ۋەتەن زېمىنىنى قوغدىشى توغرىسىدىكى ئەڭ ياخشى تەسۋىر، بۇ جايدا، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز سادىقلىق ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت ئاللىبۇرۇنلا ئۈنسىز ھەرىكەتكە ئايلانغان.

بۈگۈنكى كۈندە ما جۈنۋۇنىڭ ئىش ئىزلىرى ھەممىگە تونۇلۇپ، ئۇنىڭ قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشى ۋە ئېتىقادى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى، سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى مەخسۇس جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسىغا كېلىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى يوقلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 185 - تۇەن قىزىل ساياھەت بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى، غەربىي شىمال چېگراسىدىكى 1 - ليەن، جۈنۋۇ قاراۋۇلخانىسى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، زېمىننى قوغداش خاتىرە سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى.

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، 185 - تۇەن «شىمالدا ساياھەتچىلىكنى، جەنۇبتا چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش» ۋە سوغۇق جايدا سەھرا تۈسىگە ئىگە شەھەر - بازار بەرپا قىلىش تەرەققىيات تەپەككۇرىنى تۈزۈپ، «بىر ليەندە بىر مەنزىرە بولۇش» «بىر ليەندە بىر مەھسۇلات بولۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، شىمالىي قىسىمدىكى ليەندۈيلەرنىڭ ساياھەت لىنىيەسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ تۇەننىڭ 1 - ليەنى، 2 - ليەنى، 3 - ليەنى مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇ سەۋەبتىن، ما جۈنۋۇنىڭ يەنە بىر خىزمىتى − خالىس چۈشەندۈرگۈچىلىك خىزمىتى كۆپەيدى.

«مەن بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئېسىل ھېكايىلىرىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ چېگرانى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، دۆلەت زېمىنىنى قوغدىشىغا كۈچ قوشىمەن» دېدى ما جۈنۋۇ.

«ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، مەن ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن.» ما جۈنۋۇ بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، ئۇلار باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەن روھىنى قان تومۇرىغا، كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپلا قالماي، ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋى بايلىققا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى مۇھىم بۇرچ قىلدى، شۇنداقلا، بىڭتۇەن روھىنى مەۋقەنى ھازىرقى دەۋرگە قويغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلانغا كىرگۈزدى.