​ساداقەتمەن روھقا تىيانشان گۇۋاھ

日期:2021年08月20日
来源:天山网
【字体:

مەمەتجان توخنىياز:​

ساداقەتمەن روھقا تىيانشان گۇۋاھ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەمەتجان توخنىيازنىڭ ھاياتى مۇشۇ كۈندە توختاپ قالدى، تاغ - دەريالار ھەسرەت چەكتى، ئاسمان - زېمىن قايغۇغا چۆمدى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، ھەربىر مەيدان ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىندى، ھەربىر پارچە دېھقانلار رەسىمىدىن تەركىب تاپقان چاتما رەسىملەردە ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ياد ئېتىلدى، سەپداشلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق تەنتەنىلىك ھۆرمەت سالىمىدا ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىغا ۋارىسلىق قىلىندى.

مەمەتجان توخنىياز ھايات ۋاقتىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىدى، ۋەتىنىمىز شىنجاڭىنىڭ مۇقىملىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئېتىقادى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا سىڭگەن.

33 يىللىق ساقچىلىق ھاياتىدا، دېلو پاش قىلىشتىكى جاپالىق يولدا، ئۇ تاكى دېلو پاش قىلىنغانغا قەدەر چىشىنى چىشلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە چىڭ تۇردى؛ زوراۋان - تېررورچىلارنى تۇتىدىغان جىددىي پەيتتە، ئۇ خەتەرگە قارىماي، ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، ئاخىرىغىچە قوغلاپ زەربە بەردى؛ خەلق ئاممىسىنى قوغداش ھايات - ماماتلىق پەيتىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق پۇقرالارنى توسۇپ قۇتقۇزۇپ قالدى.

2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، باي ناھىيەسىدە بىر ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى. بىر توپ زوراۋان - تېررورچى دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن، قوراللارنى ئېلىپ تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە قېچىپ بېرىپ، تاغلىق رايوننىڭ ئالاھىدە يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ تۇتۇشتىن قېچىپ، يەنە بىر قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. 1300 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان تاغلىق رايون دائىرىسىدە، بىر مەيدان دائىرىسى ئەڭ كەڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور، ۋەزىپە ئەڭ مۈشكۈل، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان «تىيانشان تېغىدا چوڭ ئاختۇرۇپ تۇتۇش» قانات يايدۇرۇلدى.

قارلىق تاغ، ئېگىزلىك، جىلغا، دەريا ئېقىنى، چۆل - باياۋان... تاغلار تىك، جىلغىلار چوڭقۇر، ئورمانلار كۆپ، يوللار خەتەرلىك، قەھرىتان سوغۇق، ھاۋا شالاڭ، تاغ يولى تىك قىيالىق بولۇپ، تاغدا يوشۇرۇنغىلى بولىدىغان چوڭ - كىچىك ئۆڭكۈر، تاش يېرىقى، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپلەر كۆپ ئىدى، ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى.

مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ مەمەتجان توخنىياز يەنىلا ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، سەپداشلىرىنى يېتەكلەپ، ھەركۈنى ئەگرى - بۈگرى چارۋا يولدا مېڭىپ، دالىدا غىزالىنىپ، يېتىپ - قوپۇپ، چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىپ، يىپ ئۇچى ئىزدىدى. جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەت ئارقىلىق، قىسقىغىنا ۋاقىتتا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەت مۇناسىۋىتى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«ئۇنىڭ سىيماسى تېلېكامىرايىمدا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى.» ئالتە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ياڭ ۋېي دائىم ئەينى يىلى تارتقان بىر بۆلەك سىننى كۆرۈپ، ئۇزاققىچە خىيالغا پاتاتتى.

شۇ چاغدىكى ئاختۇرۇپ تۇتۇش جېڭىدە، ياڭ ۋېي تاغ ئەھۋالىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى، قار - يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن مەمەتجان توخنىياز ئاستا - ئاستا تېلېكامىرادا پەيدا بولدى، ئۇ بوينىغا ئاق لۆڭگە ئېسىۋالغان، قولىدا تاياق تۇتقان، يۈك - تاقلىرىنى يۈدۈۋالغانىدى. ئۇ ئالدىراپ - تېنەپ ئۆتۈپ كېتىپ، يەنە سوغۇق شامالغا قارىماي داۋاملىق يول يۈردى. ئاشۇ سىيما مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈش بولۇپ قالدى.

2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، زىيارەت داۋامىدا ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مەمەتجان توخنىياز خەلق ساقچىلىرى ۋە چارۋىچىلارنى باشلاپ تاغقا چىقىپ ئىزدىدى. يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغاچقا، تۆت چارۋىچى ئىزدەش جەريانىدا زوراۋان - تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. تۇتقۇن قىلىنغان چارۋىچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى يالغۇز زوراۋان - تېررورچىلار يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئاخىر ئۆزى يالغۇز بىر توپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.

تىركىشىش جەريانىدا، مەمەتجان توخنىياز زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلەپ، كۈچىنىڭ بارىچە ئۇلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى، نەتىجىدە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋان - تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، ئۇ پەقەت چارۋىچىلارنى قوغداشنى ئويلىدى. ئۇ زوراۋان - تېررورچىلارغا مەردانىلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «سىلەر ساقچىنى ئىزدىمەكچى ئىدىڭلارغۇ، مانا مەن ساقچى! ئامما گۇناھسىز، ئۆلتۈرسەڭلار مېنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى قويۇۋېتىڭلار!»

چارۋىچى مەخمۇت مەمەتجان توخنىياز تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشنى داۋاملىق ئۈستىگە ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭدەك باتۇر ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ قېنى بىكارغا ئاقسا بولمايدۇ!»

مەمەتجان توخنىيازنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باي ناھىيەسىدە ھەر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ھەق بىلەن ھېسابلاشماي، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋە قورشاپ تۇتۇشقا ئۆزلۈكىدىن قاتنىشىپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ چىقىش يولىنى قامال قىلدى.

ساقچى تەرەپ مەمەتجان توخنىياز ھايات چېغىدا قالدۇرغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ساقچى كۈچى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، قورشاپ تۇتۇش مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتتى. ئۇدا 56 كۈن قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ساقچىلار بىلەن خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلدى.

مەمەتجان توخنىياز ھاياتى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

شەمشەر غىلاپقا سېلىنغاندا، غەلىبە چۇقانلىرى ياڭراش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا بولغان ئىنتايىن قايغۇلۇق نىدالار كۆتۈرۈلدى. ساداقەتمەن ئىسسىق قان مەمەتجان توخنىياز چوڭقۇر سۆيىدىغان بۇ تۇپراققا چېچىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغىغا ئويدى.

مەمەتجان توخنىياز قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى تولۇقلاپ بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلدى.

ھاياتى ئاخىرلاشقىنى بىلەن، روھى مەڭگۈ يوقىمايدۇ. مەمەتجان توخنىياز دېگەن بۇ ئىسىمنى ۋەتەن ئۇنتۇپ قالمايدۇ، خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ!