باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2021年07月27日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ـ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش ـ يۆلەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، يەسلى، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسى ۋە ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دىنلارنىڭ ئېجىللىقى، رايىشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش، ئالدىنئالا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئالدىن پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق، ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋارايى، كەلكۈن ئەھۋالى، يامغۇر ئەھۋالى، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يامغۇر، قىيان، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن قاتارلىقلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق رايون ۋە ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلارغا قارىتا ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن ئاپەت مەسىلىلىرىنى بايقىغان ھامان دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال تۈزىتىش كېرەك. قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر قىيانى، ھۆلچىلىك، گېئو ئاپەت، شەھەرلەردە ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيا، خادىم، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش كۈچى زاپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئائىت تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە سىجىل چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي يېتەكلەپ، ساننى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇش، سۈرئەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېز بولۇشنى كۆزلىمەي ياخشى بولۇشنى كۆزلەپ، بىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىرىنى تاماملاپ، ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنىڭ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى يىفېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.