ئالدىنقى يېرىم يىلدا 67 تۈردىكى 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

日期:2021年07月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا 67 تۈردىكى 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى يۈرۈشلۈك توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جەمئىي 67 تۈرلۈك 35 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 2567 كىلومېتىر، توك ئۆزگەرتىش سىغىمچانلىقى 10 مىليون 120 مىڭ كىلوۋولت ـ ئامپېر بولۇپ، غول تور رامكىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا توك تەقسىملەش تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگەن.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىدا كۇچا 750 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش ۋە كۇچا ـ ئاقسۇ ـ مارالبېشىⅡ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن بېيسەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق يۈرۈشلۈك توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق ئېلېكتىر تورى تۈرلىرىنى قەرەلىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى. بۇ يىل دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 2 مىليارد 843 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، 750 كىلوۋولتلۇق خوتەن بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتى، قەشقەر بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يەكەن ـ خوتەن Ⅱ قايتما لىنىيە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تېز ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 287 مىڭ 100 ئاھالىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۈش ئۈچۈن، يەتتە تۈردىكى 220 كىلوۋولتلۇق، ئىككى تۈردىكى 110 كىلوۋولتلۇق ۋە 15 تۈردىكى 35 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى.