ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق رايونلاردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

日期:2021年07月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق رايونلاردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى، سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش يىغىنى، سۇ ئامبارلىرىنى كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي سىن يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاساسلىق رەھبەرلەرمۇ كۆپ قېتىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى خەلقنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلى «7 ـ ئاينىڭ ئاخىرى، 8 ـ ئاينىڭ بېشى»دىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، قىسمەن رايونلار يەنە دەل يەر تەۋرەشنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى داۋاملىشىپ، ئېگىز تاغلاردىكى قار ئېرىش تىپىدىكى، مۇز ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈننىڭ يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى زورىيىۋاتىدۇ، يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەقىقىي تۈردە نۇقتىلىق رايونلاردىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ سۇ ئامبارلىرىدا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەش خىزمىتىنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، سۇ ئامبارلىرىدا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بويىچە يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.