يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

日期:2021年07月27日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مىللەت نەزەرىيەسى ئىلمىنىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. كەڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تارىخىي ماتېرىيال سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئۇل خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچ قوشۇشى ئۈمىد قىلىندى.

يىغىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار سۆز قىلدى، يەتتە نەپەر مۇتەخەسسىس، ئالىم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.