ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆت نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ

日期:2021年07月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاچقان 2021 ـ يىللىق نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 8 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئاپتونوم رايونىمىزدا نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بەش جەھەتتىكى مەزمۇن بويىچە نۇقتىلىق نازارەت قىلىدىكەن، تەكشۈرىدىكەن.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆت نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)كە ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشتە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى مەزمۇن نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىش، بىرگە بىر سۆھبەتلىشىش، «نازارەت قىلىش بىلەن ياردەم بېرىشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ساختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەۋھۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېرىم ـ يارتا قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش، قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش ھەمدە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يىپ ئۇچىغا قارىتا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش 2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى «ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانات يايدۇرغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش بولۇپ، نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش كۆلىمىنى ئازايتىش، نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش ھالقىلىرىنى ئىخچاملاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش نامىدا «تەشتەك مەنزىرىسى تىزىش» «لىنىيە سىزىپ بېرىش»كە بولمايدىغانلىقى، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى ھەم ئالدىنقى مەزگىلدە مەسىلە يىپ ئۇچىغا كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، يىپ ئۇچىنى ئېلىپ بېرىش، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىش كېرەكلىكى، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ۋاقتىنى يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.