پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2021年07月24日
来源:天山网
【字体:

ۋاڭ جۈنجېڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرلار شېن يۈەنگېڭ، جياڭ شياۋۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىغا بېرىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى قانات يايدۇردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن چۈەنباۋ يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى چۆرىدەپ بىر ـ بىرلەپ سۆز قىلىپ، ھاسىلات ۋە نەتىجىنى سۆزلەپ، پەرق ۋە يېتەرسىزلىكنى سۆزلەپ، پارتىيەۋىلىكنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يېقىندا 7 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 11 ـ ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېتىقادى، ئەقىدىسى، ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. سادىق بولۇش پەزىلىتىنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، دۆلەتكە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، كەسىپكە سادىق بولۇپ، قانۇنغا سادىق بولۇپ، ئۆزىنى تەربىيەلەشنى ئۇزاققىچە قەتئىي بوشاشماي يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، پاك ئادەم بولۇپ، ياخشى مەنىۋى ئىنتىلىشنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز ئورنىدا ئۆز خىزمىتىنى ئويلاپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ھەر ۋاقىت سىڭدۈرۈش كېرەك. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۇنىۋېرسال ساپانى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىلىم زاپىسىنى بېيىتىپ، سىياسىي ئىقتىدار، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سەۋىيە، كەسپىي ئىقتىدار ۋە ئۇنىۋېرسال ساپادىن ئىبارەت «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. روھنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە خەلق خاتىرجەم بولىدىغان كادىرلاردىن بولۇش كېرەك. غايىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئېسىل ئەخلاقنى تونۇش، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.