غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

日期:2021年07月24日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 3 ـ باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى سۆزلەپ، پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قېتىملىق چوڭقۇر پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش ۋە ئىدىيەۋى تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈردى.

جاڭ چۇنلىن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇپ، تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، پۈتۈن ۋەزىيەت كۆڭلىگە پۈكۈلگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان، بايانلىرى مۇپەسسەل بولۇپ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تولۇق جابدۇنۇپ قايتا ئاتلىنىشىدىكى سىياسىي خىتابنامە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە بەرگەن سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى مۇساپىنى ياخشى مېڭىش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەنگۇڭتىڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، ئۆلسىمۇ ئۆكۈنمەسلىكى كېرەك. يۈكسەك ئاڭلىق بولۇشتەك چوڭ ۋەزىيەت ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرى بويىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئۆكۈنمەي ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، جاپادا ئالدىدا مېڭىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈشتە ئالدىدا مېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادىسىدىن يانماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. پاك ـ تەلەپچان بولۇشتەك ئەخلاق پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، ھېيىقىشنى بىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك ـ دۇرۇس بولغان سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.