پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

日期:2021年07月24日
来源:天山网
【字体:

لى يىفېي ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى يىفېي ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى (سىياسەت، قانۇن ـ نىزام باشقارمىسى) ۋە «پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دوستى» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ياچېيكىسى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتتى.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان ـ تەلىپى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى يىفېي سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان ئەڭ ياخشى دەرسلىك، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىدە ياخشى مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، يېڭى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياڭراق بۇرغىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، غايە ـ ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئاڭلىق ھالدا ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بۇرچنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىكنى شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

لى يىفېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەنىڭ تەن ھۈجەيرىسىنىڭ «نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى»، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر». پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي لۇشيەننىڭ سىياسىي لۇشيەنگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاساسىي ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، چوڭ يۈزلىنىشنى دائىم كۆزىتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى دائىم كۆزدە تۇتۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش داۋامىدا خىزمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ياخشى نەمۇنىلىك تارماقلارنى سىجىل قۇرۇپ چىقىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇتلەق ئىشەنچلىك، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۆلچەم، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىستىل بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قوشۇن قۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.