​«باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى+» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

日期:2021年07月23日
来源:天山网
【字体:

بايىنغولىن ئوبلاستىدا:

​«باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى+» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن جوۋ خەيشيا

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى»نىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، «باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى +» شەكلىنى قوللىنىپ، بىر قاتار خاسلىققا ئىگە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەجىر قىلىپ پارتىيە تارىخى «سەرخىل دەرس»ىنى ياراتتى. يېقىندا بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە بىڭتۇەن 2 - شى، باشئەگىم شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە پارتىيە تارىخى باش تېمىسىدىكى سەر خىل دەرسلەرنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئوبلاست، شى، ناھىيە، شەھەردىكى پارتىيە مەكتەپلىرىدىن كەلگەن 14 ماھىر سەھنىگە چىقىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى، كېڭەشتى، 40 نەچچە ئوقۇتقۇچى نەق مەيداندا دەرس ئاڭلىدى، ھەرقايسى ناھىيە - شەھەرلەردىكى 50 نەچچە ئوقۇتقۇچى «يۈنشىشۈن» ئارقىلىق توردا كۆردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت «پارتىيە تارىخى سەرخىل دەرسى مۇسابىقىسى+خۇلاسە شەكلىدە دەرس باھالاش+ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش+نەزەرىيە مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش سىنىپى+پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش» شەكىللىرىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ۋەقەلىك ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى جانلاندۇردى. بايىنغولىن ئوبلاستى 27 ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بازىسىنى بەرپا قىلدى.

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باغراش ناھىيەسىنىڭ بۇمبۇت بازىرى جىگىسېن نۇر كەنتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيەلىك پىدائىيلار پارتىيە تارىخى ۋەقەلىك قىلىنغان تىياتىر «لازا يېيىش ھېكايىسى»نى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. ھەر ھەپتىدىكى رېپېتىتسىيە قىلىش ۋە ئويۇن قويۇش «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئارتىس روشەنگۈل روزىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخى توغرىسىدا تېخىمۇ سىستېمىلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى.

ھازىرغا قەدەر، بۇ ۋەقەلىك تىياتىرى سەككىز مەيدان قېتىم قويۇلۇپ، بۇنىڭدىن تەربىيە ئالغان پارتىيە ئەزاسى، ئامما 1150 ئادەم قېتىمغا يەتتى. جىگىسېن نۇر كەنتىدىكى پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ بوفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ تىياتىر بەك ياخشى ئوينالدى، مەن بەك تەسىرلەندىم، ئىلگىرىكى جاپالىق كۈنلەرنى ئەسلىسەك، ھازىرقى ياخشى كۈنلىرىمىزگە قارىساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۇقرالارغا ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!»

پائالىيەت شەكلىنى بېيىتىپ، پائالىيەت ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق ياراتتى. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرىنى كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى داشى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، لوپنۇر مۇزېيى، قىزىل ھويلا قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىلىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، نەق مەيداندا باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پارتىيەلىك كادىرلار بۇنىڭدىن قىزىل روھنىڭ تاۋلىشىنى قوبۇل قىلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستى «ئۈلگىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مىكرو سىننى قويۇش ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى سىنلىق دەرسلىك ماتېرىيالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق مۇساپىسى» مەخسۇس تېما كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ، قىزىل كىنو كۆرۈش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىش، قىزىل ھېكايىلەرنى ئاڭلاش، قىزىل مۇساپىنى سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ ئارقىلىق قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلدى.