يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيلى

日期:2021年07月23日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئورتاق تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، دەل بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىۋاتقان ۋاقىتتا، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەر، يېڭى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك قوللىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا كۈچ قوشتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر نېگىزدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن بولدى، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن قىلغان ياردىمىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل - پاراسىتى سىڭگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلانغان پەيتتە، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېجىرىشكە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ ساھە، كۆپ شەكىلدىكى بېرىش - كېلىش قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرلىرىنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، كۆلەمنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، ساھەلەرنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تاللاپ، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قەدىرلەپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بولۇپ، قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، قابىلىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كىرىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يىرىك پىلان تۈرلىرىنى ئىلمىي تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ھەم ماددىي كۈچكە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا مەنىۋى ۋە مەدەنىيەت كۈچىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر رايون مەدەنىيىتى بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.