8-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

日期:2021年07月23日
来源:天山网
【字体:

​ۋاڭ ياڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى شىنجاڭ ئاقسۇدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن خۇي) 8-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئاقسۇدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا كۈچ قوشتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېجىرىشكە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. مەبلەغ، تۈرلەرنى خەلق تۇرمۇشىغا مايىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. ئەقلىي جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتىكى كىرىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى پىلانلاپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى قوللاش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر رايون مەدەنىيىتى بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ ساھە، كۆپ شەكىلدىكى بېرىش-كېلىش قىلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى. يوۋ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋەزىيەت ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چۆرىدەپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەندىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.