بايرامدا قىزىل ساياھەت قىلغانلار كۆپەيدى

日期:2021年07月23日
来源:天山网
【字体:

□ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، جاڭ شياۋمى، ۋاڭ جىڭجىڭ

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولدى. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر قىزىل روھنىڭ تاۋلىشىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. نۇرغۇن كىشى گۈل سېتىۋېلىپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى ياساش ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەقدىم قىلدى. قەبرىستانلىقنىڭ باشقۇرغۇچىسى چېن جۈنگۇي چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا سەپداشلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىن گۇيلىن دوستلىرى بىلەن بىللە مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كۆرگىلى كەلگەنىدى. چېن جۈنگۇينىڭ بايانىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ئىسسىق ياشقا تولدى: «يول بويى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ مەنزىرىسىنىڭ تولىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئەينى يىللىرى يول ياساشنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۈگۈن بىزنىڭ بۇ ئەڭ گۈزەل تاشيولدا يۈرەلىشىمىز ئاشۇ ياش جەڭچىلەرنىڭ ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن».

زىيالىي ياشلار ناملىق يېشىل پويىز، كونا پاسوندىكى ۋېلىسىپىت، تىراكتور... بايرام مەزگىلىدە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى زىيالىي ياشلار سارىيى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. زىيالىي ياشلار سارىيىدىكى نۇرغۇن قىممەتلىك سۈرەتلەر، ئەمەلىي بۇيۇملار ھەمدە زىيالىي ياشلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇش كىشىلەرنى ناھايىتى ھاياجانغا سالدى. «زىيالىي ياشلار سارىيى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى قايتا نامايان قىپتۇ. ھەربىر پارچە رەڭسىز كونا سۈرەتلەر، گۆدەك چىرايلار زىيالىي ياشلارنىڭ تاغقا چىققان ۋە يېزىلارغا چۈشكەن كۆرۈنۈشىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. ئۇلار ئەڭ جۇشقۇن ياشلىق باھارىنى بۇ يەرگە تەقدىم قىپتۇ» دېدى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى شۈ جيېجى.

«ئەينى يىللاردىكى زىيالىي ياشلارنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن ئىلىغا كەلگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت. يۇرتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بولۇپ قۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى نۇرمانباي جېتپىسباي.

بايرام مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك جاي بولۇپ قالدى. قومۇل شەھىرىدىكى جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى يىشۈي باغچىسى، قاراماي شەھىرىدىكى مايبۇلاق مەنزىرە رايونى، مايتاغ-كۇچا تاشيولى مۇزېيى قاتارلىق بىر تۈركۈم قىزىل مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى زور تۈركۈمدىكى ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.

7-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاراماي شەھىرى مايبۇلاق مەنزىرە رايونى پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن كىرىش بېلىتى ئالمىدى، شۇ كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى پېڭ خەيخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونىدا بارلىق خادىملار ئىش ئورنىدا بولۇش يولغا قويۇلدى ھەم ھەر كۈنلۈك ئەتىگەنلىك يىغىندىن پايدىلىنىپ خىزمەتچى خادىملارنى مۇلازىمەت قائىدە-يوسۇنى بويىچە تەربىيەلەش، چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر مەركىزى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنى ماش شورپىسى، ئىچىدىغان سۇ، يەلپۈگۈچ، كۈنلۈك قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. ساياھەتچىلەر مەركىزى يەنە لېي فېڭچە پىدائىيلار مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئاساسىي داۋالىنىش، پەرۋىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاقسۇ شەھەر ئاھالىسى چېن چېن ئائىلىسىدىكى بەش كىشى ئارال شەھىرىگە جايلاشقان تەكلىماكان . 359-لۈي مەدەنىيەت ساياھەت رايونىغا كېلىپ، «ئۈلگىلىك 359-لۈي» دېگەن قىزىل تېمىدىكى ھەقىقىي ۋەقەلىك تىياتىرىنى كۆرمەكچى بولدى. «ئاتا-ئانام بىڭتۇەنلىك، بۇ تىياتىردا تەسۋىرلەنگىنى دەل ئۇلارنىڭ ھېكايىسى، شۇڭا دەم ئېلىشتا ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ كۆرگىلى كەلدىم» دېدى چېن چېن.

«ئۈلگىلىك 359-لۈي» دېگەن ھەقىقىي ۋەقەلىك تىياتىرىدا 359-لۈينىڭ جەڭ مەيدانىدا قانلىق جەڭ قىلىش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تارىخى نامايان قىلىنغان بولۇپ، چۆكمە شەكىلدىكى ئويۇن قويۇش شەكلى تاماشىبىنلارنى نەق مەيداندا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. ئارال 359-لۈي مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ بىرنەچچە كۈندە ئويۇن بېلىتى ناھايىتى ياخشى سېتىلدى، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇنجى مەيدان ئويۇن قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە ئويۇن قويدۇق، يېرىم ئايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننى كۈتۈۋالدۇق».