شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ

日期:2021年07月23日
来源:天山网
【字体:

​□ شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى زۇلپىيە ئەخمەت

مەن شىركەت DCS كونترولخانىسىنىڭ مەشغۇلاتچىسى. 2018-يىلى، مەن شىركەتنىڭ داشۆدە ئۆتكۈزگەن خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشىغا تىزىملىتىپ قاتناشتىم، كەسپىم توغرا كەلگەچكە، مەن تەكلىپ قىلىش يۈزتۇرا ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم ھەم شىركەت بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، خىزمەت رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، شىركەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم.

شىركەتنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايىتى ياخشى، تاللا بازار، مۇسۇلمانچە ئاشخانا، چېنىقىش ئۆيى، ۋاسكېتبول مەيدانى، پۇتبول مەيدانى، بىليارتخانا قاتارلىقلار بار. بىزنىڭ ياتاقلىرىمىزدا ئايرىم تازىلىق ئۆيى، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسى، كىر يۇيۇش ئۆيى، سىمسىز تور، سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور بار، زامانىۋى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق. بۇنداق ئازادە مۇھىتنى ئىلگىرى چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدىم. مېنىڭ ئايلىق مائاشىم پىراكتىكا مەزگىلىدىكى 3000 يۈەندىن ئۆسۈپ ھازىر باجدىن كېيىنكى 8000 يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. بۇلتۇر مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن، مەبلەغ چىقىرىپ يۇرتۇم تۇرپاندىن بىر پارچە ئۈزۈملۈك يېرىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدىم، بۇ مەن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش. يالغۇز مەنلا ئەمەس، مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە خىزمەت قىلغىلى كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى ئۆي سېتىۋالدى، بەزىلىرى پىكاپ سېتىۋالدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەختكە ئىنتىلىش يولىدا ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىۋاتىدۇ!

يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش»نى باھانە قىلىپ، شىركىتىمىزگە يولسىزلارچە چەكلەشنى يولغا قويدى، بۇ ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان نومۇسسىزلىق، بۇنداق خالىغانچە قارا چاپلاشقا ۋە بوھتان چاپلاشقا مەن ئىنتايىن غەزەپلەندىم! ئۇلار شىركىتىمىزنى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق!

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك، بەختلىك ھېس قىلىمەن، بۇ يىللاردىن بۇيان، مەن قىزغىن سۆيىدىغان شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا، بىز ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پايدىسىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولدۇق، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىمىز تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە قانۇن تەرىپىدىن قوغدالدى، بىز ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز! مەن بۇ يەردە ئامېرىكا تەرەپنى رەسمىي يوسۇندا ئاگاھلاندۇرىمەنكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا تۆھمەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ!