«دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، جۇڭگودا تۇغۇلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن»

日期:2021年07月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىن تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئالتە نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلىقى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلىم ئالغانلىقى ۋە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى سۆزلەپ، چېگرا سىرتىدىكى «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە مەجبۇرىي ئوقۇتۇپ، قان قېرىنداشلىرىدىن ئايرىۋەتتى» دېگەن بىمەنە سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى.

مېھرىگۈل مەمتىمىن لوپنۇر ناھىيەلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش. «مەكتىپىمىزدىكى خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدۇ.» مېھرىگۈل مۇنداق دېدى: مەكتەپ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قاتناپ ئوقۇش ياكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشىغا قويدى، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى كۆرمەكچى بولسا خالىغان ۋاقىتتا مەكتەپكە بېرىپ كۆرسە بولىدۇ، ھەر ھەپتە ئاخىرى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىلنى ئوقۇغۇچىلار ئۆيىگە قايتىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزىدۇ، «مەجبۇرىي قوندۇرۇش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

ئاقتۇ ناھىيەسى شياۋشىليۇ يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنگۈل تۇردى مۇنداق دېدى: مەن خىزمەت قىلىۋاتقان يەسلىدە مەيدان ۋە بالىلارنىڭ دالا ئويۇن ئەسلىھەلىرى بار، بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئاشپەز تەييارلايدۇ، قورۇما تۈرلىرى تەكرارلانمايدۇ، تاماقتىن كېيىن يەنە مېۋە - چېۋە ۋە پېچىنە - پىرەنىك بار.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا تۇرسۇنگۈل ئادەتتە دەرس ئۆتكەندىكىگە ئوخشاش ئېلېكتىرونلۇق رويال بىلەن تەڭكەش قىلىپ ئۇيغۇرچە بالىلار ناخشىسى «كېپىنەك»نى، دۆلەت ئورتاق تىلىدا بالىلار ناخشىسى «ۋاخاخا»نى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان بالىلارنىڭ ياتاق، تاماق، كىتاب - دەپتەر قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىلىرى بار.

ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرسۇنگۈل ھەر كۈنى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى خۇشال - خۇرام مەكتەپكە ئەكېلىپ قويغانلىقىنى كۆرىدۇ؛ ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ مۇشۇنداق مائارىپ مۇھىتىدا خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى خالايدۇ. «نەدىمۇ چېگرا سىرتىدىكى بەزى تاراتقۇلار ۋە ۋىجدانسىز سىياسەتۋازلار دېگەندەك <مەجبۇرىي قوندۇرۇش، قان قېرىنداشلىرىدىن ئايرىۋېتىش> مەۋجۇت بولسۇن، بۇ پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك» دېدى تۇرسۇنگۈل قاتتىق ئەيىبلەپ.

ئاۋات ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئادىل ئەمەر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، بەختكە يارىشا شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى بولغاچقا، ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ئوقۇش خىراجىتىم ھەل بولۇپ، ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، ئۇ يىغىنغا قاتناشقانلار بىلەن ھازىرقى خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى: «مەن دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، مەن جۇڭگودا تۇغۇلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.» ئادىل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېيتتى.

كېرىيە ناھىيەسىدىكى تۇنساخان ئوسمان بۇ يىل 26 ياشقا كىردى، 2017 - يىلى 6 - ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىگە ئىشقا چۈشتى، كېيىن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بىلەن خەۋەرلىشىش كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش نۇقتىسى ئاچتى، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئائىلە كىرىمىمۇ ئاشتى.

«ئىنىم بىلەن ھېسابلاپ باقتۇق، ئىككىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش پۇلىمىز، كىتاب - دەپتەر پۇلىمىز، تاماق - ياتاق پۇلىمىز قاتارلىقلار 70 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، دۆلەت ھەممىسىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى». تۇنساخان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئائىلە شارائىتىمىز ناچار ئىدى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتەك مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت بولغاچقا، ئىنىم بىلەن ئىككىمىز ئوقۇش پۇرسىتىگە، تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

كۇچا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى خانئايشەم ئىمىر ئوغلىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇپ، بارا - بارا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەزىمەت بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى؛ يوپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ يەسلى باشلىقى نۇربىيە ئەنۋەر ئۆزىنىڭ گۇاڭدۇڭ گۇاڭيا ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان بەختلىك چاغلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئالتە نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋەكىلىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋابى ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى بىتچىت قىلىپ، شىنجاڭدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئومۇملىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدى، مائارىپنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى تارىختىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان باسقۇچتا تۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى سىجىل ياخشىلاندى، ياتاقلىق تۈزۈم ئاتا - ئانىلارنى رازى قىلىدىغان، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى خۇشال قىلىدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىگە ئايلاندى.