دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلچەمدىكى قاتتىق، چىداملىق ئاليومىن قېتىشمىلىق يۇمىلاق قۇيما تاياقچە ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى

日期:2021年07月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلچەمدىكى، دىيامېتىرى 1400 مىللىمېتىر كېلىدىغان 2 - يۈرۈش قاتتىق، چىداملىق ئاليومىن قېتىشمىلىق يۇمىلاق قۇيما تاياقچە شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈن تۆۋەن ھەسسىلىك كىرىستال دەرىجىسىدە 2 - دەرىجىگە يېتىدىغان بولۇپ، شۇ ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كەلگۈسىدە يېڭى تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتانىڭ ھالقىسىمان سوقۇلىدىغان زاپچاسلىرىنىڭ مۇھىم قوللىنىشچان خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالغان دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلچەمدىكى قاتتىق، چىداملىق ئاليومىن قېتىشمىلىق يۇمىلاق قۇيما تاياقچە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولۇش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى مېخانىكىلىق ئىقتىدارى ياخشى بولۇش، ئۈزۈلۈشكە چىدامچانلىقى يۇقىرى بولۇش، كۈچىنىش ۋە چىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ℃315 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلىدىغان قۇرۇلما دېتاللىرى، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى كەپشەرلەش دېتاللىرىغا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىكەن، بۇ، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاليومىن دەرىجىسى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو يوۋيەن پەن - تېخنىكا گۇرۇھى يوۋيەن مېتال قېتىشما ماتېرىيال تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىلغار ئاليومىن قېتىشمىلىق ئېرىتىش - قۇيۇش تېخنىكىسى ۋە شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ساپلىقى يۇقىرى ئاليومىن كەسپىدىكى ئەۋزەللىككە تايىنىپ، ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مۇھىم، زور جابدۇق ياسىمىچىلىق ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان 2 - يۈرۈش، 7 - يۈرۈش چوڭ ئۆلچەمدىكى قاتتىق، چىدامچان ئاليومىن قېتىشمىلىق قۇيما تاياقچە مەھسۇلاتلىرىنى ئورتاق ئاچقان. ھازىرغىچە، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى دىيامېتىرى 90 مىللىمېتىردىن 880 مىللىمېتىرغىچە بولغان ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكى، 2219، 7050 قاتارلىق كۆپ خىل قېتىشما ماركىسىدىكى قۇيما تاياقچە مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغان، پۈتۈن تۆۋەن ھەسسىلىك كىرىستال دەرىجىسىنىڭ ھەممىسى 1 - دەرىجىدىن يۇقىرى ھالەتكە يەتكەن.

شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن چاڭكې مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن تەتقىقات يىرىك پىلانى يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سانائەت ئالاقە تورى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.